رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سۇي، باي فامىلىلىك ئىككى مۇخبىرى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭنى جىمجىتلىق-ۋەھىمە قاپلىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئالتىنچى ئايدا تىترەش كېسىلى» يەنە قوزغالغان ئىدى. ئىنتېرنېت يەنە قاتتىق كونترول ئاستىدا قالدى. ھازىر 64، 23، 89 دېگەن شىفىرغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئىنتېرنېتتىن تېپىلمايدۇ. ھەتتا «شام» دېگەن سۆز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ تېپىلمايدۇ.
بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇن، 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 10 دا، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى دالا ئۇرۇشى قىسىملىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئەسكەرلەر تانكا، برونىۋىكلار بىلەن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىشكە باشلىغاندا، شەھەر خەلقى كوچىلارغا چىقىپ توسۇۋالغان. كەچ سائەت 11 دىن كېيىن، چاڭئەن كوچىسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى مەھەللىلەردىن ئوق چىقىرىپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان، تاڭ ئاتقۇچە نامايىش مەيدانلىرىنى ئوق بىلەن تازىلىغان، تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە ئەتراپىدىكى كوچىلار قانغا بويالغان. خەلقنىڭ قان قەرزگە بوغۇلغان بېيجىڭ دائىرىلىرى دەل شۇ قان تۆكۈلگەن، نەپرەت ياغقان ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتتىن غەم قىلىپ، تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېۋ پۈتۈن دۇنياغا، كۆپ ئادەم قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بۇ ۋەقە ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن، تۈرمىگە ئېلىنغان ئادەملەر توغرىسىدا سۆز قىلىشنى قاتتىق چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ھېقىقى ئەھۋالىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا نامايىشنى «ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ» دەپ جاكارلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، كېيىن گېپىنى ئۆزگەرتىپ «سىياسىي داۋالغۇش»، «قالايمىقانچىلىق» دەپ ئاتاپ، ۋەقەنى بارغانسېرى كىچىكلىتىپ، خاراكتېرىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاخىر ئۇنتۇلدۇرۇش ھېلىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر غەلىتە مىجەزلىك بەد-بەشىرە مەخلۇققا ئايلاندى. خىتاي ئەمەلدارلىرى خۇپسەن بولۇۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشىلەر ھازىر ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئالدىغا كەلسىمۇ تۇتمايدۇ. كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانتچىسىنىڭمۇ بۈگۈن زۇۋانى تۇتۇلدى.
گەرچە خىتاي ھازىر بېيجىڭدا ھېچقانداق قارشىلىق يوق دەپ دۇنيانى ئالداۋاتسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يەنىلا دۇنياغا ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. «بوشۈن تور گېزىئىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئەرزدارلار تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانى، جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق جايلاردا، ھەرخىل شەكىل بىلەن نامايىش قىلغان. نەق مەيداندىن تارتىلغان رەسىملەردە، ئەرزدارلار بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇنقى قىرغىنچىلىقتا ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاق گۈل تاقاپ مۇسىبەت ئىپادىلىگەن كوللېكتىپ كۆرۈنۈشلەر بار.
رادىئومىز مۇخبىرلىرى يوللىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدا 180 مىڭ ئادەم شام يېقىپ نامايىش قىلغان. ئامېرىكىدىكى لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەم خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلىگەن.
«ئۈمىد رادىئوسى» تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، دېڭ شاۋپىڭنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغان قاتىل دەپ جاكارلاپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تېشىلىپ كەتكەن داش قازىنىنى يامايدىغان رېمونتچىلىقى، دەپ كۆرسەتتى.
تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبۇن» گېزىتى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاينى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى يوقلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي جەھەتتە خۇددى سۈرىيە، ئىران، شىمالى كورىيىلەرگە ئوخشاش كېسەل دۆلەت دەپ تەسۋىرلىدى.
بۈگۈن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ تۆتىنچى ئىيۇن ھەققىدىكى مۇنازىرە بېتىدە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ «ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قىرىپ تاشلانسا، دۆلەت يىگىرمە يىل تىنچ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ۋە كوممۇنىست جاللىتى ۋاڭ جېنىنىڭ «پارتىيىمىز ئوتتۇز مىليون ئادەمنى قىرىپ تاشلاپ ئاندىن بۇ ھاكىمىيەتنى ئالغان، ئەمدى يىغلاڭغۇ ئەبگاھلار ئۇنى بىزدىن شوئار توۋلاپ تارتىۋالماقچىمىكەن؟ ئۇخلاپ چۈشى!» دېگەن سۆزىنى ئەسلەش ئارقىلىق، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىي، غالجىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.