1989 - يىلى بېيجىڭنىڭ تىيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»نىڭ 23 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە، خىتايدا «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»گە قايتىدىن بېرىش تەشەببۇسى تېخىمۇ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە كۆپەيدى. ئەنگىلىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»دە خىتاي ۆكۈمىتى بۇرمىلىغان تارىخنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقنىڭ ئارزۇيى، ئادەم قەلبىنىڭ ئىنتىلىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «پۇل - مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا، سىياسىي ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بۇ قېتىممۇ يەنە رەت قىلىنغان. خىتايدا سىياسىي ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىغا ئەڭ جىددىي قارشى قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان كىشى بوشىلەي ئىدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شاۋپىڭدىن، تىيەنئەنمېن مەيدانىغا ئەسكەر يۆتكەپ كېلىشنى ئەڭ قەتئىي تەلەپ قىلغان كىشى ئۇنىڭ دادىسى بويىبو ئىدى.
سابىق مەركىزى كومىتېتنىڭ جوڭنەنخەيدىكى كاتىپلىرىنىڭ بىرى بولغان يۈمېيسۈننىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى»غا بايان قىلىشىچە، «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»نىڭ بىر كۈنى ئاقلىمىسا بولمايدىغانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى ئورتاق كۆز قاراش. ئەمما «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»دە قان قەرزىگە بوغۇلغان ئەمەلدارلار «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»نى ئاقلاشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى» يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى بېيجىڭ شەڭ باشلىقى چېنشىتوڭ، ئەينى ۋاقىتتىكى باستۇرۇشنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ جاكارلاپ بولدى. باش مىنىستىر لىپېڭمۇ، ۋە شۇ ۋاقىتتا ئىش باشقۇرۇۋاتقان بىر مۇنچە ئەمەلدارلارمۇ بۇ ۋەقەدىن چېگرا ئايرىشقا باشلىدى. بۇ، ياخشى ئالامەت ئىدى. خىتاي رەەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»دىن مەنپەئەت ئالغان ئەمەلدارلار يەنىلا ئاز سانلىق. ئەينى ۋاقىتتىكى قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرغان باش سېكرېتار جاۋزىياڭغا ۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى يوقلاپ ئۆيىگە بارغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.
ئۇنىڭ قارىشىچە، «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»دىن مەنپەئەت ئالغانلار جىنايىتىدىن ېساب بېرىشتىن قورقۇپ تۇرۇۋاتقان بۇنداق شارائىتتا، «4 - ئىيۇن ۋەقەسى»نىڭ ئاقلىنىشىدىن ئۈمىد يوق. ئەمما خىتاينىڭ كەلگۈسى رە بولىدىغان كىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن. چۈنكى جاۋزىياڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىۋاتقانلار نىڭ ئىچىدە شىجوڭشۈن ئائىلىسى بار، بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلغان رەسىمدە، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇۋاتقان جىنپىڭ بار.
خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆز ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي بيۇرونىڭ توققۇز دائىمىي ئەزاسىنىڭ سانىنى يەتتىگە قىسقارتىشقا، بۇنى 7 - ئايدا بېيدەيخې يىغىنىدا بېكىتىشكە قوشۇلغان. بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇشىڭدۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قارارنى بۇرۇن دېڭ شاۋپىڭ ئۆزى بېكىتىۋېرەتتى، خىتايدا مۇستەبىتلىك زاۋالغا يۈز تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە دېگەن نەرسە ئاران مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەن.
«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇۋ يوڭكاڭ، جاڭدېجاڭلار يېقىندا چۇڭچىڭ شەڭ ۋەنشېڭ رايونىدا نامايىش قىلغان خەلقنى باستۇرغاندىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» ەربىي قىسىملار يامان نىيەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلمەسلىكى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ، ۋاڭلىجۈن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا باشلانغان ۇق ئۇرۇشىدا، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭلار بىرلىشىپ، قان قەرزىگە بوغۇلغان ئەمەلدارلاردىن ېساب ئېلىپ خەلقنى رازى قىلىپ، ئۆزلىرىنى قوغداپ قېلىش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كانادادا خىتايچە چىقىدىغان گېزىتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1989 - يىلىدىكى تۆتىنچى ئىيۇن قىرغىنچىلىقىدا ساق قېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار رەەرلىرىدىن ىسەيلىن خانىم يېقىندا، تۆتىنچى ئىيۇندا تىيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىپ قىرغىنچىلىق قىلغان ئازادلىق ئارمىيىنى كەچۈرۈش، دېڭشاۋپىڭ ۋە لىپېڭلارنى كەچۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەشەببۇس ئەينى ۋاقىتتىكى تۆتىنچى ئىيۇن قىرغىنچىلىقىدا ساق قېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ەرىكىتى رەەرلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇ ەقتە جىددىي مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
0:00 / 0:00