مۇراسىمغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار سۆزگە چىققاندا كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەر تەرەپتىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن سۆز قىلدى
مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، خانىم ئۆز نۆۋىتىدە سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
خاتىرىلەش مۇراسىمى ئامېرىكا شەرق ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:30 دە پايتەختى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان باغچىدا باشلاندى. مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم سەنئەتكارلار مۇزىكا كۈيلىرىنى ياڭراتتى.
ئاپپېر سەنېت پارك يەنى ئۈستۈن پالاتا باغچىسى دەپ ئاتالغان بۇ باغچىغا 2007 - يىلى 12 - ئىيۇن كوممۇنىزم تۈزۈمى ئاستىدا بىئەجەل ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئابىدە

شەكلىدە خاتىرە ھەيكىلى تىكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەيكەل 1989 - يىلىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىش جەريانىدا بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تىكلەنگەن دېموكراتىيە ئايال ئىلاھى ھەيكىلىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ، بۇ خاتىرە ھەيكىلى تىكلەنگەن بۇ باغچە، بەلكىم 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەشكە ئەڭ باپ جاي بولسا كېرەك.
ياڭ جىيەنلى قىزغىن كۈتۈۋېلىندى
سائەت 10: 40 لەر ئەتراپىدا بوستۇندىن پىيادە ھالدا ئۆز كىشىلىك ھوقۇق سەپىرىنى باشلىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جىيەنلىنىڭ پىيادە يۈرۈش ئۆمىكى 500 ئىنگلىز مىلى يەنى 804 كىلومېتىرلىق پىيادە يۈرۈشىنى تاماملاپ مۇراسىم مەيدانىغا كىرىپ كەلدى ھەمدە بۇ ئۆمەككە يانداشقان ھالدا يېتىپ كەلگەن 700 ئەتراپىدىكى نامايىشچىلار قوشۇنى مۇراسىم مەيدانىدىن ئورۇن ئالدى.
مۇراسىم رىياسەتچىلىكىنى ھازىر بوستۇن شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زات پوپ گوردون شۇلتز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار نامايىش باشلانغاندا بوستۇن شەھىرىدە نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىدىغان مەخسۇس بىر ئىشخانا ئاچقان ئىدى.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى: "بىز تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرگەن خەلق ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. بەزىلەر خەلق ئارمىيىسى ئۆز خەلقىگە ئوق چىقارمايدۇ دېيىشتى. بىز خۇش بولدۇق. ئەمما بوستۇندا 3 - ئىيۇن كەچقۇرۇن بېيجىڭدا 4 - ئىيۇن ئەتىگەن ئىدى، تېلېفونلار تۇشمۇ - تۇشتىن سايراپ كەتتى. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نالە - زارىنى، ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ئوقۇغۇچىلار تېلېفوندا، 'بىز شۇنداقلا ئۇنۇتۇلۇپ كەتمەيلى. سىلەر بۇنىڭغا يول قويماڭلار' دەپ نىدا قىلىشتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇقتۇقكى خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ئەركىنلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئولتۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى" دەيدۇ.
" رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ "
مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، پالاتا ئەزاسى سام بروۋنباكك، كىرستوفېر سىمىت ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارل گېرشمان قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئاۋام پالا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى "قەھرىمان" دەپ ئۆزىنى بۇلار بىلەن بىر يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېلوسى خانىم يەنە، خىتايدا دېموكراتىيە ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان شەخسىلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئالىم ئابدۇرېھىملارنى تىلغا ئالدى ۋە رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنۇتۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېغىدا سۆزگە چىققان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىليانا رۇس لەيتنەنت خانىم 4 - ئىيۇننىڭ ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلغان بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقە خاتىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆتكەنكى 18 يىل جەريانىدا خىتاي ئىقتىسادىدا جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، بۇ يۈكسىلىشلەرگە ۋەھشىي سىياسىي بېسىم ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مانا مۇشۇنداق يىلدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىشتىن كۆرە ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىزچىل ھالدا ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە بۇلارغا مىسال قىلىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇلارغا مىسال ھالدا ، بەك يىراق ئۆتمۈشكە قاراپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. يېقىندا تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش، ئىزچىل باستۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە داۋاملىق زوراۋانلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتقان فالۇنگوڭچىلار، قانداق قىلىپ بېيجىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنى ۋە ئۆز خەلقىنى قانداق ئالدىغانلىقىنى ھەمدە ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قىلغان ۋەدىلىرىگە قانداق يۈزسىزلىك قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە تولۇق يېتىدۇ."
" ئېزىلگۈچى بىلەن بىرگە تۇرىمىزكى ،ھەرگىزمۇ ئەزگۈچى بىلەن ھەم داستىخان بولمايمىز "
بۇ نۆۋەتلىك خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يەنە بىر شەخس بولسا، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار
مەسىلىسىنى داۋاملىق ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت ئەپەندى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كىشىلىك خىتابنامىسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ياكى ياۋروپالىقلارغىلا باپ كېلىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى بۇنىڭ بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەمگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ۋە مەزكۇر ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى كۆرسەتتى ۋە: "بىز پەقەت ئۆز خەلقىنى مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى قارشى. بىز ئېزىلگۈچى خەلق بىلەن، ھاكىمىيەتنىڭ قۇربانلىرى بىلەن بىرگە، ئېزىلگۈچى بىلەن بىرگە تۇرىمىزكى ھەرگىزمۇ ئەزگۈچى بىلەن ھەم داستىخان بولمايمىز.
كىرستوفېر سىت يەنە، خىتايدا باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان خەقلەر ۋە شەخسلەر ئۈستىدە توختىلىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان تىبەت ۋە فالۇنگۇڭچىلارغا ئوخشاش نۇرغۇن شەخسلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس "
يىغىندا دالاي لامانىڭ ۋەكىلىمۇ دالاي لامانىڭ ياڭ جيەنلىگە يوللىغان تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئۆزىنى خىتايدا ئاۋازى ئاڭلانماي كېلىۋاتقان چىرايى دۇنيا خەلق تەرىپىدىن ناتونۇش بىر خەلىقنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
خانىمنىڭ باياناتىنى قىزى ئەقىدە ئىنگلىز تىلىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، باياناتتا خانىم ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ زېمىننى 1949 - يىلى بېسىۋالغانلىقىنى ھەمدە شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى ، مەدەنىيىتىنى يوق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى خۇنۈكلەشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
"دېموكراتىيىنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ"
ئۆز نۆۋىتىدە سۆزگە چىققان ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارل گېرشمان 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە "دېموكراتىيىنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ" دېدى.
1989 - يىلى 4 - ئىيۇندىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى ئەسلەش مۇراسىمى سائەت 12 لەر ئەتراپىدا ئاياغلاشقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە ، كانادا ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.