جاۋ زېياڭنىڭ ' 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى' ھەققىدە ئېيتقانلىرى

4 ‏ - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي تارىخىدىلا ئەمەس، دۇنيا تارىخىي ئۈچۈنمۇ زور ۋەقەلەردىن بىرىدۇر. سەۋەب دېموكراتىك ئىسلاھ تەلەپ قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تانكا بىلەن باستۇرۇلۇشى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ 21 ‏- ئەسىرگە 11 يىل قالغان ھازىرقى زاماندا يۈز بېرىشى.

0:00 / 0:00

ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانى قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە 2000 - 3000 ئارىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە 200 - 300 ئارىسىدا. خىتاي ۋەقەگە سىياسىي توپىلاڭ دەپ باھا بەرگەن. ھازىرغا قەدەر بۇ باھاسىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە خەلقئارا جامائەت 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىشنىڭ خىتايدا يۈز بەرگۈسى چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ باشلانغۇچى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. شۇڭا 4 ‏ - ئىيۇننى خاتىرىلەش، 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلىش خىتايدا ئۆزگۈرۈش بولۇشنى كۈتىۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زېياڭنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئاشكارىلانغان ئاۋاز خاتىرىسىدە 4 ‏- ئىيۇن ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: " 6 - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى كېچە، مەن قورودا ئىدىم؛ ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. دېمەك دۇنيانى زىل - زىلىگە سالىدىغان بىر تراگىدىيە يۈز بەردى، ئۇنى توسۇپ قالغىلى بولمىدى."

4 - ئىيۇن ۋەقەسى، خىتايدىكى ئىسلاھاتچى رەھبەر خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىگە ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن باشلانغان. ماتەم بىلدۈرۈش نامايىشقا ئايلانغان. نامايىشچىلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلمىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي 5 ‏- ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان ۋە 6 - ئاينىڭ 3 كۈنى كەچ ۋە 4 ‏ - كۈنى سەھەردە نانايىشچىلارنى تانكا بىلەن باستۇرغان.

ئاۋاز خاتىرىسىدە بىلدۈرىشىچە، جاۋ زېياڭ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. نامايىشچىلارنىڭ ئەسلىدە ھاكىمىيەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئىسلاھات تەلەپ قىلغانلىقىنى، ھاكىمىيەتنى خاتالىقلىرىنى تۈزەشكە چاقىرغانلىقىنى، خىتاينىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

جاۋ زېياڭ ئاۋاز خاتىرىسىدە يەنە، مەۋجۇت تۈزۈلمىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى، ئەگەر بۇ تۈزەلمىسە، ئىقتىساتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشنى ئەكسىلئىنقىلابى ھەرىكەت دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. جاۋ زېياڭ يەنە ھەر قانداق بىر ئاممىۋىي ھەرىكەتتە، بىر قىسىم ئۇرۇپ - چاقىدىغان قىلمىشلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى؛ ئەمما ۋەقەگە باھا بەرگەندە ھەرىكەتنىڭ ئاساسى ئېقىمىنى، كېلىپ - چىقىش سەۋەبىنى، غايىسىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

جاۋ زېياڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات تەلىپىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا دائىر كىتاپلىرىنى ئوقۇغانلىقىم راست؛ ئەمما مېنىڭ ئىسلاھاتنى قوللىشىمنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئۇ ئەمەس؛ بەلكى ئاساسلىقى ئىش ئۈنۈمى. جۇڭگولۇقلار كۆپ ئەمگەك سىڭدۇرىدۇ، ئاز نەتىجە يارىتىدۇ. كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە ئىقتىساد 2 - 3% ئۆستى دەيدۇ، چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ؛ بىز 10% ئۆستى دەيمىز، خەلقنىڭ تۇرمۇشى يۈكسەلمەيدۇ. شۇڭا مەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاساسىي نىشان قىلدىم."

جاۋ زېياڭ ئاۋاز خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىدا، بىر دۆلەت زامانىۋىيلاشقان بولۇش ئۈچۈن بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويسىلا، ئىقتىسادى تەرەققى قىلسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى؛ ئۇ مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ زامانىۋىيلىشىش كېرەكلىكىنى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دېموكراتىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى، پارلامېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلماي تۇرۇپ دۆلەتنى قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.