4 - ئىيون ۋەقەسى بىر ئەۋلاد ئادەمنىڭ ھېس - تۇيغۇسىنى ئۆزگەرتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.02
2009.06.02

RFA
خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا، 'پارتىيىنىڭ ئىتىمەن، چىشلە دېگەننى چىشلەيمەن' دېگەن قوشاقنىڭ خەلق ئىچىدە پەيدا بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان مۇخبىرنىمۇ ئىشتىن چىقىرىۋەتكەن. گۇاڭدۇڭدا چىقىدىغان 'جەنۇب سەھەر گېزىتى'دىكى 4 - ئىيون كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىشى مۇمكىن دېگەن ھاۋا رايى ھەققىدىكى ئالدىن مەلۇماتمۇ، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
مىلتىق ئاۋازى ئۆزگەرتكەن ھېسيات
4 - ئىيون ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كانادادا تۇرۇشلۇق جىن يۇەنچىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا 'مەن ئەسلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىدىغان دۆلەتسۆيەر ياشلاردىن ئىدىم. ھۆكۈمەت 'چېرىكلىككە -خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش' نى تەشەببۇس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كېچىدە قانلىق باستۇرغاندىن باشلاپلا، مىنىڭ مۇھەببەت-نەپرەت تۇيغۇلىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى' دېگەن. ئۇنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتى ھازىرغا قەدەر پەسەيمىگەن.خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغانلىقى بىر ئىلگىرىلەش
4 - ئىيون ۋەقەسى مەزگىلىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'بۇرژۇئازىيىچە ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ تەشەببۇسكارى'، 'پەردە ئارقىسىدىكى قوماندان' دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، خىتاي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالەم فېزىكىسى ئالىمى، كېيىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ئامېرىكىغا كەلگەن، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فاڭ لىزى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 - ئىيون ۋەقەسىدە، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولغان 'كىشىلىك ھوقۇق' شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.فاڭ لىزى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇرۇن خىتايدا 'كىشىلىك ھوقۇق' دېگەن ئاتالغۇ يوق ئىدى. بۇ ئاتالغۇ 4 - ئىيوندىن كېيىن پەيدا بولدى، ھازىر بارغانسىرى كۆپ ئادەم بىلىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى. بۇ بىر چوڭ ئىلگىرىلەش.
فاڭ لىزى ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بايان قىلىشىچە، دېموكراتىيە تۈزۈمى تىكلەنسە، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بوي سۇنىدىغان بولىدۇ، ئەمما بىر دۆلەتتە بىر قىسىم كىشىدە كىشىلىك ھوقۇق بولۇپ، يەنە بىر قىسىم كىشىدە كىشىلىك ھوقۇق بولمىسا، ئۇ دۆلەت خەلقئارالىق ئۆلچەمگە توشمايدۇ. ھەر-بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق قىلالمىغان ھۆكۈمەت لاياقەتسىز ھۆكۈمەت . خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق قانچە كۆپ ئەمەلىيلەشسە، خەلق ئەركىنلىكتىن ۋە دېموكراتىيىدىن شۇنچە كۆپ بەھرىمان بولىدۇ.
خەلقنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ كوممۇنىست پارتىيە ھەممە بايلىق مەنبەلىرىنى ماناپول قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن مەسىلە ھەل بولىدۇ
جاۋزىياڭنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن قالدۇرغان 'ئەسلىمىسى' نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، بىز شۇنى چۈشەندۇقكى، - دەيدۇ ھازىر كانادادا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى سۇ شاۋكاڭ ئەپەندى،- دېڭ شاۋپىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتايدىكى يەرلىك 'سېرىق مەدەنىيەت' مۇھىتىغا غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يېشىل نۇرى كىردى. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تۇيغۇسىنى قوزغاتتى. ئەينى ۋاقىتتا خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭلار ئىسلاھاتقا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. غەربنىڭ دېموكراتىيە، كىىشلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى خىتايغا كىرگەنلىكىگە، خىتايدا دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى خەلققە ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ئۆز ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاۋاتقان ۋاڭ جېنغا ئوخشاش كوممۇنىست مۇستەبىتلىرى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.سۇ شاۋكاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ يىللاردا، مەركىزى كومىېتت 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'دىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى 'پۇراقلىق گۈل' بىلەن 'زەھەرلىك ئوت' نى ئايرىش ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بەلگىلىگەن ئىدى. جاۋ زىياڭ دەل مۇشۇنداق سىياسەت قوللانغان ئىدى. ئەمما زىيالىيلار خىتايدا ھېچقانداق بايلىق مەنبەلىرىنى كونترول قىلالمايدىغان بولغاچقا، كوممۇنىست پارتىيە زىيالىيلارنى ھەرگىزمۇ كۆزىگە ئىلمەيتتى. ۋاڭ جېن قاتارلىق سىياسىي قېرىلار ئۇلارنىڭ گېپىگە قولاق سالمىدى، بەلكى خۇ بىلەن جاۋنى يىقىتىشقا كىرىشتى. خۇ ياۋباڭ 89 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۆلگەندىن كېيىن، بېسىم جاۋ زىياڭغا مەركەزلەشتى. بۇ ۋاقىتتا سىياسىي قېرىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى لى پېڭنى مەيدانغا چىقاردى.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى دېموكراتىيە ئۆلچەملىرىگە يەتمەيدىغان بىر خىل قارشىلىق ھەرىكەت ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەردە دېموكراتىيىدە پىشىپ يېتىلمىگەن ئوقۇغۇچىلار مۇرەسسە قىلىشنى بىلمىدى. دېڭ شاۋپىڭمۇ كەينىگە چېكىنىشنى خالىمىدى. زىيالىيلار بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق قارشىلىق ھازىرغا قەدەر قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق. زىيالىيلار ھازىرغا قەدەر كوممۇنست پارتىيىنى ئاغدۇرالمىدى، كوممۇنىست پارتىيىمۇ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرىۋىتەلمىدى.
سۇ شاۋكاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر بىز ئۈچۈن چوڭ مۇرەسسە ئارقىلىق ھوقۇق تەقسىماتى قىلىدىغان 'جەنۇبىي ئافرىقا مودىلى' ياكى تىنچلىق يول بىلەن غەلىبە قىلىدىغان 'ھىندىستان مودىلى' ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. ئەمما بىز ئۇنى ئۆگىنەلمەيۋاتىمىز. چۈنكى بىزدە بۇنداق ئاساس يوق ياكى تەجرىبە يوق. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۈيۈك دىنىي ئۇستاز تۇتۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان خىرىستئان مۇخلىسلىرى بار، بىزدە يوق. بەلكى خىتايدا ھازىر مەيلى كىم بولسۇن، ئۇ دىنغا ئىشەنسىلا، كوممۇنىست پارتىيە ئۇنى دەرھال باستۇرىدۇ. شۇئار توۋلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ نامايىش قىلىدىغان كىشىلەر بىلەنمۇ، كوممۇنىست پارتىيە ھەتتا سۆھبەتمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ. ئومۈر بۇيى قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن، ئەمما مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈلمىسە، كىلىشىك ھوقۇق دېگەننى ئېتىراپ قىلمايدىغان كوممۇنىست پارتىيە ئالدىدا خەلق بىھۇدە قان تۆكىدۇ.
سۇ شاۋكاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، خىتايدا خەلق بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە، خەلق كىىشلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، كۈچلىنىپ، كوممۇنىست پارتىيە ھەممە بايلىق مەنبەلىرىنى ماناپول قىلالمايدىغان بولغاندا ئاندىن ھەل بولىدۇ.