خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بۇ يىل 4-ماينى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەسلىك ئۇقتۇرۇلدى

ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ يىل 4-ماينى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى ۋە باشقا ئاممىۋى يىغىلىشلاردىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولغان.

0:00 / 0:00

خىتايدىكى سىنا قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، بۇ يىل 4-ماي كۈنىدە ھېچقانداق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەسلىك ئۇقتۇرۇلغان.

4-ماي كۈنى، 1919-يىلى خىتايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى شىمالىي مىلىتارىست ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىغان ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنى. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، 4-ماي كۈنىنى خىتايدىكى ياشلار بايرىمى كۈنى دەپ بەلگىلىگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتايدا 1919-يىلدىكى 4-ماي كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان سىنا، بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرىدە بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن. بۇ مۇنازىرىلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان 4-ماي ياشلار بايرىمى كۈنىدە بۇ يىل ھېچقانداق ئاممىۋى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەسلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا چىقىرىلغان 4-ماي كۈنى ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزمەسلىك ئۇقتۇرۇشى ھەم 2 ئايدىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى» نىڭ، زور كۆلەملىك نامايىشقا ئايلىنالماسلىقىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مۇنداق دېدى: «2 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى قاتتىق قامالى سەۋەبلىك، بۇنداق ھەرىكەتلەردە باشلامچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك قوزغالمىدى. بۇ ئەھۋال ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشى ھەم ئومۇميۈزلۈك كېڭىيەلمەسلىكىگە سەۋەب بولدى. ئەمما، ئۆتكەن ھەپتە سەنئەتكار ئەي ۋېي ۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا كېڭىيىشىگە سەۋەب بولدى. يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 8-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشىنىڭ شوئارى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بولدى. بۇ قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلغان خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭدىكى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىلىشىغا 1000دەك كىشى قاتناشقان. ئۇلار ئارىسىدا زور كۆپچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار يىغىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مانا بۇ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەنسىرەۋاتقىنى دەل مۇشۇ مەسىلە.»

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچكى جەھەتتىن بۇ يىل ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 4-ماي ياشلار بايرىمى كۈنىدە ھېچقانداق ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزمەسلىكنى ئۇقتۇرۇپتۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇقتۇرۇش خۇددى تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى سەيلىسى نامىدىكى خەلقنىڭ يىغىلىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقنى ئىپادىلەش ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى. چۈنكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە قوزغالغان دېموكراتىك ئىنقىلابلار تەسىرىدە خىتايدا «ياسىمەن گۈلى سەيلىسى» نامىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھەرىكەت ھازىرغىچە تېخى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدەك زور تەسىر قوزغىيالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ھەرىكەت ھازىر پەقەت تور ئابونتلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ھەرقايسى شەھەرلەردە كىچىك كۆلەمدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قامال قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىدا باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تېخى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىش باسقۇچىغا ئۆتمىدى. ئەگەر ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنالىسا، خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ھېقىقى كېڭىيىشىنى كۆردۇق دېسەك بولىدۇ.»

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ئىنقىلابلار سەۋەبىدىن خىتايدا 2 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى نامىدىكى بۇ ھەرىكەت ھازىرچە زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا ئايلىنالمىغان. ئەمما، خىتايدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي ھالەتتە ئىكەن. چۈنكى خىتايدىكى ئەرزدارلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايۋاتقان ئاممىۋى خرىستىئان تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقى، شۇنداقلا دېموكراتىيە تەلىپى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى قاتارلىق ئامىللار خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەنسىرىتىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 4-ماي كۈنىدە ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزمەسلىكنى ئۇقتۇرۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەن.