كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، گېرمانىيە، فرانسىيە، نورۋېگىيە، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، بۇ كۇرسنى تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كۇرسنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۇرسنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، بۇ كۇرسنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەشكە ياردەم قىلغان ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە شەخسلەرنىڭ ياردىمىگە، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن قىتئە ئاتلاپ كەلگەن كۇرسانتلارغا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەرقايسى ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم كۇرسنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كېيىن كۇرسنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە تىبەتلەرنىڭ لىدىرى دالاي لامانىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى تاشى ۋاڭدى ئەپەندى "تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت داۋاسىنى چۈشىنىش" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تىبەت دەۋاسىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە تىبەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا تىبەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە تىبەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ تىبەت خەلقىغە ئازلا پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمغا قارىغاندا ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەسىلەن تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك چىڭ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
كېيىن ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، لوبىچىلىك ھەققىدە لېكسىيە بەردى. نۇرى تۈركەل ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتى، سىياسەتچىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈشى كېرەكلىكى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يوللىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى كۇرسقا قاتناشقۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.
كۇرستا ئۈچىنچى بولۇپ، ئەنگىلىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىسى ئەنۋەر توختى "شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتايلارنىڭ 1949 - يىلىدىن بېرى 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ كۆپىنى لوپنۇرغا يېقىن بىر يەردە ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە چوڭ زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مىساللار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
كېيىن ئىتالىيىنىڭ تىرول ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس توماس ئەپەندى ياۋروپادىكى ئالىي ئاپتونومىيىلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۆزى ياشاۋاتقان تىرول ئاپتونوم رايونى ھەققىدە توختالدى. تىرول ئاپتونوم رايونىدا نېمىس، ئىتالىيان ۋە لاتىنلاردىن ئىبارەت 3 مىللەت بارلىقىنى، بۇلارنىڭ قانۇن ئالدىدا تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، تاشقى سىياسەت ۋە چېگرا مۇداپىيىسىدە ئىتالىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارايدىغان بولسىمۇ باشقا جەھەتتە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا ئىتالىيىكلەر تىرولغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولسا رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئىتالىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدىن كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جايلىشىشىنىڭ بەك قېيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چاقىرىلغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى قانداق ئۆتتى؟ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە پايدىلىق بولدىمۇ؟ بۇ ھەقتە كۇرسانتلار ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.