نۆلدىن تۆۋەن 18 گرادۇس بولغان قاتتىق سوغۇققا قارىماي نامايىشقا چىققان نامايىش قوشۇنى قوللىرىغا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق،لوزۇنكا،پلاكاتلار ۋە رەسىم تاختايلىرىنى كۆتۈرۈپ «بىزگە دېموكراتىيە كېرەك»، «شەرقى تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشى توختات»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ كوچىلارنى ئايلىنىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىگى، شەرقىي تۈركىستانانىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى ۋە قانداق ئۇسۇلدا قانلىق باستۇرۇلغانلىغى بايان قىلىنغا تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىۋاتقان ياش قىز - ئوغۇللار نامايىشنى قىزغىن كۆرۈۋاتقانلارنىڭ سورىغان سۇاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن نىغمەت ھاجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۆمەر ھاجىم ئۆز ۋەتىنى نى سۆيۈش، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، تىنچ ۋە دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەۋزەل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بۈگۈنكى نامايىش ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ۋە تەرتىپ ساقلىشى بىلەن ئىككى سائەت داۋاملاشتى.