ئۇنداقتا " 5 - ئىيۇل" دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ ۋەقەدىن كېيىن ئۈزۈۋېتىلگەن تېلېفون - ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قانداق؟ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە 10 ئاي بولغان بۇ كۈنلەردىمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە يەنىلا جىددى كەيپىيات ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، " مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، 1 - فېۋرالدىن باشلاپ " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى" ھەم " جەمىيەت ئامانلىقىنى ئومۇمىي يۈزلۈك باشقۇرۇش نىزامى" دېگەنلەرنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئىدارە - ئورگان ۋە مەكتەپلەردە بۇ قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھەتتا بۇ يىل قىش پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئىقتىسادى زىيان يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا مۇقىملىق تەكىتلىنىپ، خەلق " مىللى بۆلگۈنچىلىرىگە قارشى ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىش" كە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، نامايىشنى باستۇرغان قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى داۋاملىق تۇرغۇزۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 5000 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە قوراللىق ساقچى 6 - تارماق ئەترىتى قۇرۇلغانلىقى شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 15 - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
بەزى ئىنكاسلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھرىدە " خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى" ۋە " سىياسى كېڭەش قۇرۇلتىيى" ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا نىسبەتەن سالقىن پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 5000 كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ كىشى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندىن كېيىن رايوندا يېڭىچە بىر ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئانچە چوڭ ئۈمىد باغلىمىغانلىقىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلىرىنىڭ " مۇقىملىقنى ساقلاش"،" 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" ۋە " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەشۋىق قىلىنغان ماتېرىياللارنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىسمىنى دېيىشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئەرباب نۆۋەتتە ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىيلىكىنى، كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزلەردە سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياشلارنىڭ تورغا چىقىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقى، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە پىكىر بېرىش بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ يىللاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، " ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، ئىلھام توختى ئەپەندى بولسا، يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى بايقاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە ۋە مىللىي سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە، كىشىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھەم سۆزلەش ھوقۇقىنى بوغۇشنى توختامىسا، رايون ۋەزىيىتىدە " مۇقىم ۋەزىيەت"نىڭ قولغا كېلىشى تەس ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.