مەلۇم بولۇشىچە، غايىپلاردىن خوتەن قارىقاشلىق ئەخمەتجان جۈمە، ئۈرۈمچىدىكى بىر كەچلىك بازاردىن تۇتۇپ كېتىلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى نومۇرسىز ئاپتوموبىل ئىشلەتكەن. شۇڭا ساقچىلار ئۇنى كۈپكۈندۈزدە تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، قوشنا دۇكاندىكىلەر ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەن. نۆۋەتتە ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ئائىلىسى ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن ساقچىلارننىڭ قايسى ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئەخمەتجان جۈمەنى ئىزدىشىگە زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا.
ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە دۇكان ئېچىۋاتقان ئەكبەر تۇرسۇننى تۇتۇپ كەتكەن ساقچىلار، ساقچى ئاپتوموبىلىدا كەلگەن بولسىمۇ، ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇرى لاتا بىلەن توسۇۋېتىلگەن.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاق بېشىدا ئولتۇرۇشلۇق زاكىرجان مەمەت ۋە مۇختەر مەخەت قاتارلىق 9 كىشىنى تۇتۇپ ماڭغاندا، 9 كىشىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى ساقچىلارنى تونۇۋېلىش، نەگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىنىدا، ساقچىلار كۆز ياشارتقۇچ بومبا ئېتىپ، ئۇلارنى ئارقىسىغا چېكىندۈرگەن ۋە تونۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا كىملىكلىرىنى يوشۇرۇشى، جۈملىدىن نومۇرسىز ئاپتوموبىل ئىشلىتىشى قانداق بىر ئەھۋال، بۇ قانداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىنكاسى دېگەن تىمىدا سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بىلەن سوھبەتلەشتۇق. بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئۆز كىملىكىنى يوشۇرۇشى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن داۋامىدا دېلو تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ھۆكۈم ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن جىنايەت گۇماندارىلا ئەمەس، بەلكى جىنايەتچى دەپ قارالغانلىقىنى، شۇڭا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۆز كىملىكلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. بەختىيار ئەپەندى مەزكۇر ئەھۋالنى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن، شۇڭا ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا دېلو تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىم ھۆكۈم ئىجرا قىلىش، جىنايەتچى دەپ قارىغان كىشىلىرى بويسۇنمىغان ئەھۋلدا دەرھال ئېتىپ تاشلاشقا ھازىر ھالەتتە بارغان. بەختىيار ئەپەندى يەنە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوننىڭ كېسىلىشى، كۈندۈزدىمۇ كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئىنكارسىز پاكىتلىرى دەپ كۆرسەتتى؛ ئۇ بۇ ۋەزىيەتنىڭ رايوندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00