ئالماتادا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

7-ئىيۇل كۈنى ئالماتادا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى ۋە نەزىر بېرىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇرىشىت تۇردىيېف، ئاتاقلىق يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروف شۇنداقلا جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ۋە ياشلار 5 ‏- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، كۆپچىلىكنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. مۇراسىمغا بىر توپ قازاق زىيالىيلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نوسترادامۇس نامىدىكى خەلقئارالىق تىلسىم سىرلار ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف، "پارتىيە" گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ھەلىل قارپىقوف ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشتە چوقۇم ئۆز مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.