«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 2 يىللىق خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2009-يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىدا قۇربان بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلىدى. چەتئەللەردىكى تىبەت ھەم موڭغۇل تەشكىلاتلىرىمۇ 5-ئىيۇل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلىش، مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش، مەتبۇئاتلاردا بايانات بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كاتىپى كەرىئېد كۇۋاسگالت ئەپەندى ۋە شۋېتسىيىدىكى دولگېن خاتگېن ئەپەندىلەر، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەم بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
كەرېد كۇۋاسگالت ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىرقانچە قېتىملىق نارازىلىق نامايىشلىرى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېزىشى ھەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل زېمىنلىرىنى ‹ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى› دەپ، بۇ زېمىندا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ مىللەتلەرگە ھەر ۋاقىت ‹جۇڭخۇا بىرلىكى ئېڭى› نى تېڭىپ، بۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر بىزگە يات بولغان ‹جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكى› نى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىدۇق. ئۆز ھەق- ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش يولىدا، تارىختىن بۇيان كۆپلىگەن ھەققانىي كۈرەشلەرنى قىلدۇق. گەرچە بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم باستۇرۇشقا ئۇچراپ، بۇ يولدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز قۇربان بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۆزىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتالىدۇق. مەيلى 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، مەيلى 2008-يىلدىكى تىبەتلەرنىڭ لخاسا ۋەقەسى بولسۇن ۋە ياكى 2011-يىلدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرگە قاراتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتى ھەم باستۇرۇشىنىڭ ھېقىقى ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان موڭغۇللار ھەم تىبەتلەرگە ئوخشاش تەقدىرداش مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
كەرىد ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە ھازىر بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر تەكىتلەۋاتقان، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قارىتا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ھەم 11-مارت تىبەت ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا كەڭ قول بولۇش سىياسىتى قوللاندى» دېگەن قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« ھازىر بېزىلەر ‹خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قارىتا، كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە تىرىشتى. ئىلگىرى تىبەتلەرگە ھەم ئۇيغۇرلارغا قوللانغان قاتتىق باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللانمىدى. مەسىلىنى سۆھبەت ئۇسۇلى بويىچە ھەل قىلىشقا تىرىشتى› دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر جەنۇبىي موڭغۇلىيىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، ئىچكى جەھەتتىن موڭغۇللارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، موڭغۇللارنىڭ ماي ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر قولغا ئېلىنىپتۇ. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى سوتلىنىشقا باشلىدى. جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە موڭغۇللارغا قارىتىلغان نازارەت قاتمۇ-قات بولغىنى ئۈچۈن، بىز بۇ قېتىم خىتاينىڭ رايوندا زادى قانچىلىك ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ھەم رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيۋاتىمىز. موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى، ھازىر خادانىڭ ئايالى ھەم ئوغلى شۇنداقلا موڭغۇل يازغۇچىسى خۇچىنخو قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر تۈرمىدە. بىلىشىمچە مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمدىنلا 4 نەپىرى قولغا ئېلىنىپتۇ. ۋەقەدىن كېيىن ئىز دېرەكسىز يوقالغان موڭغۇللارمۇ خىلى بار ئىكەن. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى باستۇرۇشنى پۈتۈنلەي مەخپىي ئېلىپ بېرىۋاتقىنى ئۈچۈنلا دۇنيا ھېقىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قېلىۋاتىدۇ.»
شۋېتسىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولگېن خاتگېن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىقلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنىڭ قىسمىتىدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم ئۆز زېمىنىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولگېن خاتگېن:«ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىز موڭغۇللارنىڭ ئۆز زېمىنىمىزدىكى نىسبىتىمىز 20% كە چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرگە قارىتىلغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تېخى يېقىندا باشلىدى. ئەمما، شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى بارغانچە شالاڭلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز موڭغۇللارنىڭ جايلاشقان ئورنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى جايلاشقان بېيجىڭغا تولىمۇ يېقىن بولغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق سىياسىتىنى ئاۋۋال بىز موڭغۇللارغا يۈرگۈزۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتكە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى موڭغۇللارغا 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. مانا ھازىر ئۆز ئانا تىلى موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان موڭغۇللار بارغانچە ئازايماقتا. موڭغۇللارنىڭ كەڭرى يايلاقلىرى خىتاي شىركەتلىرى ھەم خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، موڭغۇللارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتى تارىيىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىگە قارشى، ئۆز-ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەققانىي ھەرىكەت. شۇڭا بىز موڭغۇللار ئۈچۈنمۇ بۇ ھەرىكەتنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.»
موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى ئۆز بايانلىرىدا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ھەر ۋاقىت ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەم ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداشقا چاقىردى.