يىغىننىڭ تېمىسى "شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى" بولۇپ، يىغىن 29 - ۋە 30 - ئۆكتەبىر مەزكۇر مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىدۇ.
يىغىندا ھازىر ئامېرىكىدا جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نوپۇزلۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس مىللىۋارد، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر باۋىڭدون قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇيدۇ.
يىغىندا يەنە، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تالانت مەۋقانۇلى، رىشات كاشابا قاتارلىقلارمۇ ماقالە ئوقۇيدۇ.
يىغىنغا مەزكۇر ئىنستىتۇت پروفېسسورى داۋىد باچمان رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىغىن 30 ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، سۆھبەت شەكلىدە يەنە داۋام قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.