5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر ئەنقەرە خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە

5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يۈز پارچە فوتو سۈرەت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە فېستىۋالىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇ فېستىۋالنى ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان.

0:00 / 0:00

فېستىۋالغا، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سىپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن بولۇپ 30 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات قاتنىشىپ مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن 100 پارچە رەسىمنى كۆرگەزمە قىلماقتا. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار كۆرگەزمىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشىر قىلىنغان كىتاب ۋە "كۆك بايراق" ناملىق ژۇرناللارنى تارقاتتى.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان خەلقئارالىق ئاناتولىيە فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى.

بىز كۆرگەزمە بۆلمىسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.