'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر'
2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بەشىنچى ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە يېزىقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ ۋە تەۋىسىيە يېزىپ يوللىغان. بۇ 'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن ھۆججەتنىڭ كوپى نۇسخىسى ھازىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. بۇ ھۆججەتنىڭ فوتو نۇسخىسى رادىئومىزنىڭ تور بېتىگە قويۇلدى. بۇ ھۆججەتنىڭ نەدە ۋە كىملەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە قانچىلىك دائىرىدە تارقالغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار ۋاقتىنچە ئاشكارا قىلىنمايدۇ.
بەشىنچى ئىيول ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە يېزىقى بىلەن يېزىپ ھۆكۈمەتكە يوللىغان ۋە كوپى نۇسخىلىرى جەمئىيەتكە كەڭ دائىرىدە تارقالغان بۇ ھۆججەت ئارقىلىق سرتقى دۇنيا، ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ۋە كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن قانداق تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ ھۆججەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسىلىنىڭ مىللىي زىددىيەت ئىكەنلىكى، بۇ مىللىي زىددىيەتنىڭ پەيدا بولۇش ۋە كۈچىيىپ كېتىشىنى كىملەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا بۇ مەسىلىسنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپ قويۇلغان.

بەشىنچى ئىيول ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار يېزىپ تارقاتقان 'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ھۆججەت، سىياسى جەھەتتە ۋە مەدەنىيەت -مائارىپ جەھەتتە دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ يېزىلغان. بۇ 4 بەتلىك ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
'مىللىي تېررىتورىيىلىك قانۇن نۇقۇل ھالدا خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئابرۇيى ۋە مەنپەئەتىنى ئېتىبارغا ئالىدۇ'
'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: پارتىيە 56 مىللەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتېيى ۋە سىياسى كېڭەش قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى. مىللىي تېررىتورىيىلىك قانۇن نۇقۇل ھالدا خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئابرۇيى ۋە مەنپەئەتىنى ئېتىبارغا ئالىدۇ. جەمئىيەتتە باراۋەرسىزلىك ئېغىر. قانۇن تارماقلىرى مىللەتلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىقتىسادىي دېلو، ھەتتا خۇسۇسى سۈركىلىشلەرگىمۇ مىللىي مەسىلە ۋە تېررورلۇق نوقتىسىدىن قارار چىقىرىپ ئېغىر جازا قوللىنىدۇ.
'ئاپتونوم رايوننىڭ ئىدارە - ئورگانلىرى خەنزۇلا ئىشلەيدىغان ئىدارە - ئورگانلارغا ئايلىنىپ بولدى'
'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ سولچىل سىياسىتى بۇيىچە مىللىي بۆلگۈنچى دەپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىىرنىڭ نېسبىتى ئەڭ تۆۋەن جاي سىياسىي قانۇن تارماقلىرى، باشقا تارماقلاردىمۇ كۈندىن -كۈنگە تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىدارە -ئورگانلىرى خەنزۇلا ئىشلەيدىغان ئىدارە -ئورگانلارغا ئايلىنىپ بولدى. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەرنىمۇ ئىشقا ئالمايدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پارتىيىگە بولغان ئىشەنچىسى يوققا چىقتى. ئۇلار ھازىر رەھبىرى كادىر بىلەن پارتىيىنى بىر نەرسە دەپ قارايدۇ. 'ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالىق' سالاھىيىتىدىن جەمئىيەتتە نارازىلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇۋاتىدۇ. رەھبىرى كادىرلار ھوقۇق سودىسىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار مىللىي سىياسەتكە دائىر پايدىلىق پىكىرلەرگە قولاق سالمايدۇ. خەلقنىڭ ھەقلىق يۈرەك ساداسىنى ئاڭلايدىغان بىرەر تەشكىل يوق.
'خەنزۇلار نامايىشتا ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە كەتسۇن دەپ شۇئار توۋلىدى'
'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ئۇيغۇرلار ھوقۇقسىز، ئېتىبارىسزلىقتىن ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات، مائارىپ جەھەتتە قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. پارتىيىنىڭ ھەرخىل يۈلەش، ياردەم، قۇتقۇزۇش، قوغداش سىياسەتلىرىدىن خەنزۇ مىللىتىلا بەھرىمان بولىدۇ. قانۇننى ئىجرا قىلىشمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى شىددەتلىك. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خەلققە تەھدىت، ۋەھىمە سالىدىغان ئورگانغا ئايلىنىپ قالدى.
7 -8 - ئىيول كۈنلىرى ۋە 3 -5 - سېنتەبىر كۈنلىرى نامايىش قىلغان خەنزۇلار 'ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە كەتسۇن'، 'يۇرتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالايلى'، 'تيانشان رايونىنى ئۇرۇپ تۈزلەيلى' دەپ شۇئار توۋلىدى. ۋەقەدىن كېيىن، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ناھەق قولغا ئېلىنىپ، تۆت ئايدىن ئون بىر ئايغىچە تۈرمىگە سولاپ قويۇلدى. ئاخىرى ھېچقانداق گۇناھ ئارتالماي قويۇپ بېرىلگەنلىرىنىڭمۇ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىدى، ناھەقچىلىق ئۈستىگە ناھەقچىلىق بولۇۋاتىدۇ. (داۋامى بار)
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.