يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ مەزمۇن ھەم خاراكتېرى جەھەتتىن قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. گوللاندىيىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەللىپ ئەپەندى ھەم ماھىرە خانىملار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، 10 ئايغا يېقىن تاقىۋېتىلگەن ئىنتېرنېت ئالاقىسى 2010 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە ئەسلىگە كەلدى. ۋەقەدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى قۇرۇلغان ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يول قويغان شارائىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تور بېكەتلىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۈرلۈك قائىدە - نىزاملارنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقىنى ئۈچۈن، مەزمۇن ھەم سۈپەت جەھەتتىن ۋەقەدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەن.
گوللاندىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇتەللىپ ئەپەندى ھەم ماھىرە خانىملار بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تور ئالاقىسى ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچىدىكى دوستلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئەھۋاللىشىپ كەلگىنى ئۈچۈن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارچە تور بېكەتلىرىنىڭ ئەھۋالىدا زور پەرق بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇتەللىپ ئەپەندى ئۆز بايانىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،ئېچىلىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ناخشا - مۇزىكا ھەم تاۋار ئېلانلىرى بېرىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان تور بېكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇتەللىپ ئەپەندى ئۆز بايانىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان خەۋەر - ئۇچۇرلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خىتاي تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئائىت خەۋەرلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە بېرىلمەيدىغانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە بولىدىغان قىزغىن مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە يوقالغانلىقىنى، ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ئائىت يېڭىدىن يېزىلغان ئۇيغۇرچە ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ بولسا يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى چاغلاردا كۆپىنچە ۋاقتىنى دىيارىم، سەلكىن قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ ئەركىن سۆھبەت مۇنبىرى بولغان چايخانىلىرىدا تورداشلار بىلەن قىزغىن مۇنازىرە ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماھىرە خانىم، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان چايخانىلار بار بولسىمۇ، ئەمما چايخانىلارغا كىرىدىغانلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، كىرگەنلەرنىڭمۇ سۆز ھەرىكەتتە تولىمۇ ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇتەللىپ ئەپەندى ھەم ماھىرە خانىملار ئۆز بايانىدا يەنە،نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى تور بېكەتلىرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تور كونتروللۇقى ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيگەنلىكى ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىلگىرىكىدەك ئەركىن ھالدا مۇنازىرە مەيدانلىرىغا يوللاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، گەرچە چايخانىلاردا تورداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى تورداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگىنى ئۈچۈن، سىياسىي قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇرلارنى ئامال بار يوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلار يەنىلا تور توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ تۇرغان.
خىتاي تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدە ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدەك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن مۇتەللىپ ئەپەندى ھەم ماھىرە خانىملار يەنە نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر ئۇچۇرلارنى خىتاي تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدىن كۆرىدىغانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى بىرقەدەر ئاجىز بولغان، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولغان تېلېفونلار ئارقىلىق كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.