2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بەشىنچى ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز تىل - يېزىقىدا يېزىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان، كوپى نۇسخىلىرى جەمئىيەتكە تارقىتىلغان 'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر ساھەدىكى پائالىيەتلىرىنى 'دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدۇ'، 'شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ'، پارتىيىگە، دۆلەتكە، قانۇنغا قارشى جىنايى ھەرىكەت، دەپ چەكلەش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش قەدىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى، چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلىدى. پاسپورتلىرىنى يىغىۋالدى.
خەنزۇچە بىلمەيدىغان 90% ئۇيغۇرنى يېڭى ئۇچۇر، بىلىم، سىياسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇردى
خەنزۇچە بىلىدىغان ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10% غا يەتمىسىمۇ، ئاپتونومىيە قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ، 'قوش تىللىق مائارىپ' دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى

چەكلەپ، خەنزۇ تىلىدىكى مائارىپنى زومۇ -زو يولغا قويدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا مەھەللىلەردە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە تىل -يېزىقنى چەكلىدى. خەنزۇچە بىلمەيدىغان 90% ئۇيغۇرنى يېڭى ئۇچۇر، بىلىم، سىياسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇردى. خۇسۇسىيلار ئاچقان ھەرخىل مەكتەپلەرنى تاقىدى. ياشلارنىڭ ئۆز خىرادىتى بىلەن چەتئەللەرگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇلىرىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسىدە، تارىختا قوللانغان 'يېزىق جىنايىتى' نى يېڭىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز -ئىبارىلەرنى غەرەزلىك بورمىلىدى. ئۇيغۇرلارنى ھەتتا جۇڭگو تارىخىنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان دەيدىغان كىتابلارنى ئوقۇشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇردى.
پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرى دىننى يوقىتىدىغان ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى
'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرى قانۇن رامكىسىدىن ھالقىپ، دىننى يوقىتىدىغان ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. تۇرمۇش ئەنئەنىسى مۇئەييەن دىنىي چۈشەنچە بىلەن زىچ بىرىككەن ئۇيغۇرلارنىڭ، نورمال دىنىي پائالىيەت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مىللىي كرىزىس ۋە ئەخلاقىي چېكىنىش يولىغا باشلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ 98% ى دېھقان، چارۋىچى، بۇلار ھازىر تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم
ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ 98% ى دېھقان، چارۋىچى. ناتۇرال ئىگىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئەھۋالدا. بۇ مىللەت تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلدى. بۇ مىللەت سانائەتلىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ زور تۈركۈم كەسپ ئەھلىنى يېتىشتۈرۈشكە مۇھتاج. ئۇنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتى ئالىي مەكتەپ راسخوتلىرىنى قامداشتىن تولىمۇ يىراق. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئالىي مائارىپنى ھەقسىزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكتە مىللىي سانائەت تارماقلىرىنى كۆپ قۇرۇپ، ئۇلارنى ئىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مەبلەغ، قەرز ۋە قولاي شارائىت يارىتىلىشى كېرەك. تاشقى سودا پائالىيىتىنى قوللاش، چەتئەل بازارلىرىغا كىرىش ھوقۇقىنى قوغداش ۋە چەتئەللەردە بىخەتەر تۇرۇشغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.
شىنجاڭنى دۇنياغا ئېچىۋېتىش كېرەك
'تەكلىپ ۋە تەۋىسىيەلەر' دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: شىنجاڭنى دۇنياغا ئېچىۋېتىش كېرەك. دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تور - ئالاقىسى قۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. ئۇيغۇرلار تارىخى ئۇزۇن، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، مەدەنىيەتلىك مىللەت. شىنجاڭنىڭ جوغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى سۇ، تۇپراقلانى خالىغانچە ئېچىش، نوپۇس سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق يېڭى زېمىن بەرپا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ساياھەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن تەبىئى جوغراپىيىلىك مۇھىتىنى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداشنى تەڭ يولغا قويۇش كېرەك.
شىنجاڭدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىقلارنىڭ ناتوغرا سىياسىتىدىن بولغان
ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىپ، مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلىشى ۋە سولچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى پايدىلىق تەدبىرلەردىن مەنپەئەت ئالالمىدى. نەپ بېرىش خەنزۇ ئاھالىسىغىلا مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈر مىللىي زىددىيەت پەيدا بولدى. يەرلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى ھاكىم مۇتلەقلىق ۋە بىر تەرەپكە يان بېسىش، دېكتاتورىنى نوقۇل ھالدا ئۇيغۇرلاغىلا قارىتىش نەتىجىسىدە، پارتىيە ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتى. ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان بولسا، جەمئىيەتتە ئىناق مۇھىت يارىتىلغان بولاتتى.
شىنجاڭدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋاڭ لېچۇەن، ئەركىن ئېمىرباقى، نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، ئەسقەت كېرىمباي ... دەك شىنجاڭدىكى سىياسىئۇن، قانۇنچىلارنىڭ ناتوغرا سىياسىتى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بولغان. مىللىي زىددىيەتنى پەيدا قىلغۇچىلار قانۇن بۇيىچە جازالانغاندىلا، ئاندىن مىللەتلەر ئىناق بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.