باش ئورگىنى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانى جاۋابسىز قالدۇرغان سوئاللارغا، ئەمدى چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان 35 بەتلىك دوكلات، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى كىملىكى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالى، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش، ئۇيغۇرلارنىڭ 'تەڭ-باراۋەرلىك'، 'ئادالەتلىك ' دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىشقا چىقىشى، نامايىشنىڭ قوراللىق باستۇرۇلۇشى، كۆچمەن خىتايلارنىڭ قوزغىغان ھۇجۇملىرى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۇچۇرلار، نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوتلىنىشى، ئومۇمى باھا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال... قاتارلىق كۆپ باپلارغا بۆلۈپ يېزىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن نامايىشنى باستۇرغاندىن بۇيان، تا ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيانى جاۋابسىز قالدۇرغان سوئاللارغا ئەمدى چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىغان سوئاللىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن قانچە ئادەم تۇتۇلدى؟ ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلدى؟ كىمنى كىم ئۆلتۈردى؟ قانداق ئۆلتۈردى؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟ نېمىگە ئاساسەن؟... دېگەن سوئاللاردىن ئىبارەت.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنى قىزغىن قوللىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا خىتايدىن سورالغان بۇ سوئاللار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر يىلدىن بۇيان خىتايدىن سوراپ كېلىۋاتقان سوئاللار، خىتاي بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئەمما، بۇ سوئاللار خەلقئارادا ئېتىبارسىز قالمىدى. بۇ سوئاللارنى بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا كۆتۈرۈپ چىقتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ، خۇددى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاشلا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.