«5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ئۇچىسىدا مايكا ۋە كالتە ئىشتان، پۇت - قوللىرىدا كويزا - كىشەن ھالىتىدە كوچا ئايلاندۇرۇلۇپ سازايى قىلىنغانلىق خەۋىرى بىر مەزگىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كوچا خەۋەرلىرى سۈپىتىدە كەڭ تارقالغان ئىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئەنە شۇ كۈنلەردە سازايى قىلىنغانلاردىن بىرى خوتەن قاراقاشلىق نەبىجان ئەلىدۇر. نەبىجاننىڭ دادىسى ئەلىجان، ئوغلىنى ئەنە شۇ سازايى قىلىنغان كۈنى كۆرگەنچە ھازىرغىچە كۆرەلمىگەن. ئۇنىڭ ھايات - ماماتلىق ئۇچۇرنىمۇ ھازىرغىچە ئالالمىغان.
نەبىجان ئەلى، 1992 - يىلى خوتەن قارىقاشتا تۇغۇلغان. 2009 - ئىيۇل 5 - ئايدا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە قول تېلېفونى دۇكىنى ئاچقان. تېلېفون سېتىش ۋە تېلېفون رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. دادىسى ئەلىجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇل كۈنى، ئۇنىڭ دۇكىنى يەر ئاستىدا بولغاچقا دەسلەپ سىرتتىكى نامايىشتىن خەۋەرسىز قالغان. نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ بىنالار تاقالغاندا ئۇمۇ دۇكىنىنى تاقاپ سىرتقا چىققان؛.لېكىن، كوچىدىكى قاتناش توسالغۇسى تۈپەيلىدىن ئۆيىگە قايتالمىغان ۋە بىر ئاشخانىغا مۆكۈنۈپ تاڭ ئاتقۇزغان. ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەن ساقچىلار، ئۇنىڭدا ۋەقەگە ئائىت ھېچقانداق گۇمانلىق ئالامەتلەرنى بايقىمىغاچقا ئۇنى تۇتمىغان.
8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگە كەلگەندە بىر گۇرۇپپا ساقچىلار، ئۇنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىكى دۇكىنى ئالدىدا پەيدا بولغان ۋە ئۇنىڭدىن سورايدىغان ئىككى ئېغىز سۆز بارلىقىنى بىلدۈرۈپ دۇكىنىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن 6 كۈن ئۆتكەندە يەنى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا يەنە بىر مەھبۇس بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە كوچىغا ېلىپ چىقىلغان ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان - دۆڭكۆۋرۈك، ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق مەھەللىرىنى ئايلاندۇرغان.
نەبىجاننىڭ دادىسى ۋە ئاكىسى نەبىجان ئېلىپ مېڭىلغان ھەربىي ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، نەبىجاننىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە، ئەھۋالىنى بىلىشكە تىرىشقان. دادىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى 30دىن ئارتۇق ھەربىي ۋە 10غا يېقىن ساقچىنىڭ قورشاۋىدا بۇ ئىككى مەھبۇسنى ېلىپ ماڭغان ھەربىي ماشىنا كوچا ئۈستىدىكى بەزى دۇكانلارنىڭ ئالدىدا توختىغان، ساقچىلار ئىككى مەھبۇسنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ دۇكاننى كۆرسىتىپ بىرنېمىلەرنى سورىغان. ئىككى مەھبۇس سوئاللارغا باش چايقاش ياكى لىڭشىتىش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.
پەرەز قىلىنىشىچە، ئۇلار جازا ئەسۋابلىرى ئارقىلىق سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويۇلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 مەزگىلىدە نەبىجان ئەلى يەنە 6 نەپەر مەھبۇس بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى قېتىم كوچىغا ئاچىقىلغان ۋە ئوخشاش شەكىلدە ئايلاندۇرۇلغان. بۇ نۆۋەت ھەربىي ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىن موتسىكلىت بىلەن ئەگىشىپ تاكى قاماقخانىغىچە بارغان. ئۇلار ئەكىرىپ كېتىلگەن قاماقخانا ئۈرۈمچى ناھىيىلىك قاماقخانا بولۇپ، ئەلىجان قاماقخانا ۋە ساقچىخانا خادىملىرىدىن سازايى قىلىنىپ ئەكىرىپ كېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان. ساقچىلار نەبىجان ئەلىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۈگۈن بۇنداق بىر كوچا ئايلاندۇرۇشنىڭ بولغانلىقىدىن تېنىۋالغان.
ئەلىجان ئوغلى نەبىجاننى سۈرۈشتە قىلىپ، قاراقاش ناھىيىلىك، خوتەن ۋىلايەتلىك، ئۈرۈمچى شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرى ۋە ئەرزىيەت ئىدارىلىرىغا بارغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ساقچىلار ئەڭ يېقىنقى جاۋابىدا نەبىجان ئەلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن قارىغاندا نەبىجان ئەلىنىڭ ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ قولىدا ئەمەس، ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىنىڭ قولىدا غايىب بولغانلىقى بايقالماقتا.
0:00 / 0:00