5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ياشلار دوختۇرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋە يەكەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يارىلىنىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. دوختۇرخا خادىملىرىنىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ ياشلار قولغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئوققا تۇتۇلۇپ يارىلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ياشلارنىڭ دوختۇرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسى ۋە يەكەن ناھىيىلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئوق تەككەن ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىسىنى خىتاي ساقچى تارماقلىرىغا تۇتۇپ بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھەقىقەتەن دوختۇرلارنىڭ، يارىلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ساقچى تارماقلىرىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېفوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدۇق.

يارىلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دوختۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئىسپات تېپىش ئۈچۈن بىز قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىغا ۋە يەكەن ناھىيىلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. ئەمما قانچە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ بۇ دوختۇرخانىلاردىن بىزگە جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

تېلېفونىمىزغا تاسادىپىي ئۇلۇنۇپ قالغان يەكەندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى، قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى شۇنىڭدەك بىر بىمار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

بىز ئۇلاردىن ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابنى ئالالمىغان بولساقمۇ، ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەمدە كىشىلەرنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن ۋە سىياسىي ۋەزىيەتتىن قانچىلىك بىزار بولغانلىقى بىز ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردىن ئېنىق ئاشكارىلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز بەرگەن ھەقىقەتنى ھېچقاچان قورقماستىن بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىمغا تېلېفۇنىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ سوئالىمىز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ساقچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.