ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ج خ ئورگانلىرى "ئاكتىپ" خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى
2005.10.12

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 1 - ئۆكتەبىرگىچە، يەنى خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لوگەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىكى ساقچىلار، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قاتارلىقلار بىردەك "ئامانلىقنى قوغداش" ۋەزىپىسىگە سەپەرۋەر قىلىندى.
"چوڭ، يوشۇرۇن خەۋپ" لەر بىت-چىت قىلىنغان
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇۋ يۇڭكاڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇلارنى تەقدىرلىدى.
جۇۋيۇڭكاڭ سۆزىدە "ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش جەريانىدا 'ئۈچ خىل كۈچ' كە زەربە بېرىپ 'پارلاق' نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر يۈرۈش چوڭ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىتچىت قىلدى. مەركىزىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلىدى" دەپ بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە قانداق " يوشۇرۇن خەۋپ" لەرنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باش قوماندانلىق شتابىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، نۆۋەتچى ساقچى خادىم، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
"بايرام" دىن بۇرۇنقى زەربە بېرىش
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. توقسۇ ناھىيىسىدىكى بىر ساقچىخانا خادىمى بولسا ئۆزلىرىنىڭ يېزىلاردا چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى يەنە ئۆكتەبىر مەزگىلىدىكى " بىخەتەرلىك" كە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مىقياسىدا 7 - ئايدىن باشلاپ" 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارغان. ئۇلار ھەرىكىتى جەريانىدا ھەر قانداق خىلدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇنىڭدىن سىرت، جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن قورال- ياراق ۋە پارتلاتقۇچ بويۇملارنى بارلىق كۈچ بىلەن كونترول قىلىش ۋە مۇسادىرە قىلىشمۇ بۇ ھەرىكەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىنغان ئىدى.
ئارقىدىن بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە خىتاي دائىرىلىرى، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان تەشكىلاتنىڭ باشلىقى دەپ قارىغان ئابدۇللا قۇرباننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيىلىرىدە ئېزىز بارات ۋە ئوسمان مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر دېھقاننى" ئۆيىدە قانۇنسىز پارتلاش بويۇملىرىنى ساقلىغان" دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى يەنە مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كىملىك كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ تازىلاش، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلارنى نازارەت قىلىش، ئاممىۋىي ئەرز سۇنۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.
"توقماق ئاستىدىكى تەنتەنە"
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا ئېلىپ بارغان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇراسىملارنىڭ "توقماق ئاستىدىكى تەنتەنە" بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن مەركەزنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىگە باھا بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي جامائەت خادىملىرىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن 8 - ئايدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ، ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە سادىر بولمىغانلىقىنى ج خ خادىملىرىنىڭ تۆھپىسى دەپ كۆتىرىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى "تېررورچى" دەپ ئەيىبلىشىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ تىنچلىق ۋە دېموكراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە "ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت تىنچ، مۇقىم ۋە پاراۋان" دەپ بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا بىخەتەرلىكنى شۇنچە كۈچەيتىشىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ 50 يىللىق تەبرىكلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق خوشاللىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە ۋە شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- ۋاڭ جېننىڭ 359 - بېرىگادىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر(2)
- گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- ۋاڭ جېننىڭ 359 - بېرىگادىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر(1)
- خىتايلار تەبرىكلىمەكتە، ئۇيغۇرلار ماتەم تۇتماقتا
- ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (3)
- ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدىن ھەقىقەتەن بەھرىمان بولىۋاتامدۇ؟
- ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (2)
- چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار 50 يىلغا باھا بەرمەكتە