'5 - ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇر

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، رايون تەۋەسىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمەي كەلگەن ئىدى. بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىن ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"دىن كېيىن، قەشقەر تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەم تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر سانى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ "قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى" ناملىق ماتېرىيالنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار قولغا چۈشۈرگەن ماتېرىيالدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، قەشقەر تەۋەسىدە، 2009 - يىلى 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، "قەشقەردە مۇقىملىقنى ساقلاش" ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئېنىقلاپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بۇلتۇر 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى، يېڭىسار، يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدىنلا 1077 ئادەمنى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"غا چېتىشلىق دەپ قولغا ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، قانچىلىك ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رادىئومىزغا ئەۋەتىپ بەرگەن "قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى" بۇلتۇر 10 - ئاي مەزگىلىدە رايون تەۋەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدا بېسىپ تارقىتىلغان ئىچكى ماتېرىيال بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، "2009 - يىلى 6 - ئىيۇلدىن باشلاپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى نازارەت دەرىجىلىك 18 ئىدارە ‏ - ئورگان ۋە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 896 ئىدارە تەۋەسىدىكى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان، شۇنداقلا ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاشقا كىرىشكەن. 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"غا ئالاقىدار 3453 ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنى تۇتقان."

"قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"دا، قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"نى باستۇرۇش جەريانى سۈرەتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: "6 - ئىيۇل ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا يۈز بەرگەن توپلىشىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ۋەقەسىدە، مۇقىملىقنى ساقلاش 5 - ئەترىتىدىكىلەر مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا توپىلاڭچىلارغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ناھايىتى تېزلىكتە بۇ توپىلاڭنى تىنچىتتى. دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات ماماتلىق كۈرەش، قانلىق سىناق ئالدىدا ئەترەتتىكىلەر ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پىداكارلىق كۆرسىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى."

ئەينى چاغدا قەشقەردىكى "6 - ئىيۇل ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى نامايىش" ئەھۋالى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2009 - يىل 10 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، "6 - ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم مۇخبىرلار قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئاخبارات ئىگىلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى مۇخبىرلارنى كېتىشكە بۇيرۇغانلىقى ۋە ئۇلارنى مېھمانخانىلارغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەم 2009 - يىلى 10 - ئىيۇل جۈمە كۈنى، قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قەشقەردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغانلىقى" ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، "قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"دىكى بۇ بايانلار ھەققىدە توختىلىپ، "ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش جەريانىنى 'دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات ماماتلىق كۈرەش' دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ ئۆزى، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا" دەپ كۆرسەتتى.

"قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"دا بايان قىلىنىشىچە، "5 - ئىيۇل خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قەشقەر تارمىقى" قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يوپۇرغا، مارالبېشى، مەكىت، يېڭىسار، يەركەن، قاغىلىق قاتارلىق 10 ناھىيە ھەم قەشقەر شەھىرى تەۋەسىدە ھەر قايسى جايلاردىن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"غا دائىر ئۇچۇرلارنى دەرىجە ھەم تۈرلەرگە بۆلۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقانلارغا دائىر ئۇچۇرلار "1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئۇچۇر" دەپ ئەنگە ئېلىنىپ، بۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر مۇكاپاتلانغان.

"قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"نىڭ 8 - ئايدىكى خىزمەت دوكلاتىدا، 8 - ئاي مەزگىلىدە "قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ھەم ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا تەتىللىك دەم ئېلىش ئۈچۈن قايتقان 2000 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەشكىللەپ" ھەر قايسى ناھىيىلەردە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش " تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

"قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"دا يەنە، ئەينى چاغدا مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە سۇسلۇق قىلغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا چارە كۆرۈلگەنلىكىگە ئائىت مىساللارمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارغا خىزمەتتە كەسكىن بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى؛ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر دۆلەت مەمۇرى خادىمىنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق چارە كۆرۈلگەنلىكى، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى 3 نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىغا نۆۋەتچىلىك مەزگىلىدە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.