بۈگۈن بېيجىڭ دائىرىلىرى، تۇنجى قېتىم، بۇ خىتاي ھۇجۇمچىلار ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى. خىتاي مەركىزى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىمىن، خىتاي ھۇجۇمچىلارنى ئىسيانچىلارنىڭ قىلمىشىغا غەزىپىنى باسالمىغان ۋە ئۆلگەن ئائىلە تاۋابىتى ئۈچۈن ئازاپقا چىدىمىغان كىشىلەر دەپ تەرىپلىگەن.
گەرچە، ۋۇ شىمىن خىتايدا بارلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكىنى؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، 7 - ئىيۇلدىكى خىتاي ھۇجۇمچىلار بىلەن 5 - ئىيۇلدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ تامامەن پەرقلىق ئىككى خىل مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋۇ شىمىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىردىن ئېنىق كۆرۈلمەكتە. بۈگۈنگە قەدەر ۋاڭ لېچۈەنمۇ، 7 - ئىيۇل خىتاي ھۇجۇمچىلىرىغا " يولداشلار " دەپ خىتاپ قىلسا، 5 - ئىيۇل نامايىشچىلىرىنى توپىلاڭچىلار دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمتىمىن ئەلا خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىككى خىل پوزىتسىيىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ خىتاي تۈزگەن قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى."
مەمتىمىن ئەلا سۆزىدە، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى، توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىىدىكى كۈچ پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەمتىمىن ئەلا، خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى نۆۋەتتە، خىتاي ئارمىيىسى، ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەرەپبازلىق بىلەن قوغدىلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا، يەنە بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋال دەپ كۆرسەتتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىىدا بىز سىلەرگە 7 - ئىيۇل خىتاي ھۇجۇمچىلىرى ھەققىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمتىمىن ئەلانىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.