11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى خاتىرلەندى

بۇنىڭدىن مۇقەددەم 7 يىل ئىلگىرى 19 نەپەر تېرورچى ئامېرىكا ھاۋا يوللىرىنىڭ 4 يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، نيۇ - يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە سوققان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئايرۇپىلانلارنىڭ بىرى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پېتىسبۇرگ ناھىيىسى ئەتراپىدا قازاغا ئۇچرىدى. بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى ئىدى. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى دۇنيانىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئامېرىكا تېررورىزىم ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئۇرۇش قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇ - يورك ۋە پېنسىلۋانىيىەنىڭ پېتىسبۇرگ ناھىيىسىدىكى ئايرۇپىلان قازاسى يۈز بەرگەن جايدا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى خاتىرلىنىپ ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ياد ئېتىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى، نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى جايلاشقان ئىككى بىنانىڭ ئورنىدا ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قازاغا ئۇچرىغان پېنسىلۋانىيەنىڭ شەنكىسۋېلى، دېگەن يېرىدە 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى. 3000 غا يېقىن ئادەم ئۆلگەن شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن جاي نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسى ئىدى. قوشماق بىنانىڭ ئىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا، قاتناشقۇچىلار ۋەقەدە ئۆلگەن 2700 ئادەمگە 4 مىنۇت ماتەمدە تۇرۇپ، گۆرۈگە ئېلىنغان ئايرۇپىلان بىناغا سوقۇلغان ۋە بىنا ئۆرۈلگەن چاغدىكى تراگېدىيىلىك ۋاقىتنى خاتىرىلىدى.

ۋەقەدە ئۆلگەن قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بولسا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقىدى. ۋاشىنگتوندىكى مۇراسىم بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن 184 نەپەر ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىمىغا ماتەم بىلدۈرۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى.

پرېزىدېنت بۇش بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئالدىدا خاتىرە مۇنارىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، " ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتچىلىك بىر كۈندە جەسۇر ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى. 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قىسىملىرىمىز تېررورچىلارغا چەتئەلدە توسۇپ زەربە بەرگەنلىكتىن بىزنى ئۇلار بىلەن دۆلىتىمىزدە يۈزلىشىشتىن ساقلاپ كەلدى. بىزنى 2557 كۈندىن بېرى ئامېرىكا تۇپرىقىدا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن قوغداپ كەلگەن بۇ جەسۇر قىز - يىگىتلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇش بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئالدىغا تىكىلگەن خاتىرە مۇنارىنىڭ مۇسىبەتنى تولدۇرالمايدىغانلىقى، لېكىن بىر ئاز بولسىمۇ ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە دوست ‏ - بۇرادەرلىرىگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": كىشىلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ، دوست ‏ - بۇرادەرلىرى ۋە قەدىردان كىشىلىرىگە خەيىر دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن توپلاندى. بىر خاتىرە مۇنارى بىلەن سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مۇسىبىتىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ".

نيۇ - يوركتىكى مۇراسىمدا نيۇيورك شەھەر باشلىقى بلۇمبېرگ سۆز قىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەن شۇ كۈنى " ئادەتتىكى كۈنگە ئوخشاش باشلانغان، لېكىن ئاخىرلىشىشى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر كۈن " گە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بلۇمبېرگ" بىز بۈگۈن ئەتىگەندە نيۇ - يوركلۇقلار، ئامېرىكىلىقلار ۋە يەر شارى پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 95 دۆلەت ۋە رايوندىن كېلىپ، شۇ كۈنكى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەرنى خاتىرىلەۋاتىمىز" دەپ كۆرسەتتى. شۇ كۈنى يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېين بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئىزىنى زىيارەت قىلىپ، 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلىدى. جون مىكېين يەنە شۇ كۈنى ئەتىگەندە پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پىتىسبۇرگ ناھىيىسىدىكى شەنكىسۋېلى بازىرى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

تېررورچىلار 2001 ‏ - يىلى 11 ‏ - سېنتەبىردە بۇلىغان 4 دانە ئامېرىكا يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ بىرى، ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا يوللىرىنىڭ 93 ‏ - نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ئىدى. لېكىن بۇ ئايرۇپىلان ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كۆزلەنگەن نىشانغا يېتەلمەي، پېنسىلۋانىيىنىڭ پىتىسبۇرگ ناھىيىسىدىكى شەنكىسۋېلى بازىرىنىڭ ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايرۇپىلاندىكى 44 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرايدۇ. ئەينى چاغدا ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلار گۆرۈگە تۇتقۇچىلار بىلەن ئېلىشقان ۋە تېررورچىلارنىڭ ئايرۇپىلاننى ئاقساراي ياكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىغا سوقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان، دەپ قارالماقتا. جون مىكېيىن شەنكىسۋېلىدىكى مۇراسىمدا يولۇچىلارنىڭ باتۇرلىقىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن بۇرۇن بۈيۈك مەردانىلىقلار ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلەرگە شاھىت بولۇش شان ‏ - شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدىم. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچ بىرى ھەل قىلغۇچ دەقىقىلەرنىڭ پەيتىنى ئىگىلەپ، تەھدىتنى تونۇش ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كۈرەش قىلىشنى قارار قىلىشتەك ئۇلۇغۋار ئەمەس".

دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما 11 ‏ - سېنتەبىرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا " تېررورچىلارنىڭ 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقى يەنىلا ناھايىتى زور، ئۇلارنى ئادالەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش زۆرۈر"، دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو،" پرېزىدېنت ھەر كۈنى ئۇيقۇدىن قوپقاندا ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئويلايدۇ " دەپ كۆرسەتتى. بۈگۈنكى پائالىيەت بۇشنىڭ ھوقۇقتىكى مەزگىلىدە 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئاخىرقى قېتىم خاتىرىلىشىدۇر.