مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا مالىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتنى ئېلان قىلىشى سەل غەلىتىلىكتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېقىندا ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبىتىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" رەھبىرى ئابدۇل ھەقنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى قاناللىرىنى قامال قىلىش ھەققىدىكى باياناتى مەزكۇر پارتىيە يېقىندا ئېلان قىلغان خىتايغا ھۇجۇم قوزغاش ھەققىدىكى سىن لېنتىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى باياناتى خىتاي دائىرىلىرىنى خوش قىلغان بولۇپ، بۈگۈن خىتاي تاشقى مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" گە قارىشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلشات رىشىت يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش "تېررورلۇق" تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" ئەزالىرىنىڭ پاكىستان قەبىلە رايونىدا ھەربىي تەلىم - تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا ئېلان قىلغان بىر سىن لېنتىسىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى ئۆز سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيىسى 15 - ئاپرېل بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى " جىھات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ھازىرلىنىش" نامىدا ئېلان قىلغان 43 مىنۇتلۇق سىن لېنتىسىدا مەزكۇر تەشكىلات رەھبىرى ئابدۇل ھەقمۇ بايانات بەرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئابدۇل ھەق خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارىشى ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەمدە ئۆز پارتىيىسىنىڭ " خىتايغا خۇددى ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستاندا يولۇققان نومۇس ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى" تېتىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان.
20 - ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئىقتىسادى ئاخباراتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ستۇرات لېۋېي بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەل قائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار بولغان " تېررورلۇق" تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئابدۇل ھەق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى خەلقئارا ئىقتىسادى سىستېمىسىدىن ئايرىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن ئامېرىكا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ شۇ خىل مەقسەتكە تىز يېتىش ئۈچۈن "ئۇيغۇر كارتىسىنى ئويناۋاتىدۇ" دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان يۇقىرىقى باياناتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن ئافغانىستان ۋە قوشنا رايونلار خەۋپسىزلىكى جەھەتتە خىتاي بىلەن ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا باغلىق بولغان زور دۆلەت مەنپەئەتى بارلىقى، شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ھەقتە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
16 - ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىمى رىچارد ھولبۇرك خىتايدا زىيارەتتە بولغان ۋە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستانلاردا ئوخشاش تەھدىتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەم مەزكۇر رايوندا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى بارلىق تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ھەرخىل باستۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان ئىدى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان، شۇنداقلا بۇ خىل ئارزۇسىغا يېتەلىشى بەكلا تەس ئىكەن.