سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي يىغىنى ياپونىيىدە ئېچىلماقتا

تەرەققى تاپقان 8 دۆلەتنىڭ 34 ‏ - قېتىملىق يىللىق يىغىنى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ Hokkaido ئارىلىدا رەسمىي ئېچىلدى. يىغىنغا يىغىننىڭ ئەسلى ئەزالىرى بولغان 8 دۆلەت رەھبىرىدىن باشقا، خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق تەرققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بولۇپ 22 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىش قارارىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدى.

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىغىن، ئاساسلىقى نېفىت باھاسى ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى ۋە ئۇنى كونترول قىلىش، ھاۋا كىلىمات مەسىلىسى، ئافرىقىغا ئاشلىق ياردەم بېرىش مەسىلىسى؛ زىمبابۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىندا ھاۋا كىلىمات مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ھاۋا بۇلغىنىشنى چەكلەشتە مەسئۇلىيەتنى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت بىلەن تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق دېگەن " ئەمەلىيەتچىل گەپ قىلساق، خىتاي بىلەن ھىندىستان باشقىلىرىمىز بىلەن ئوخشاش ئاكتىپ بولمىسا، كىلىمات مەسىلىسىدە غايىگە يەتكىلى بولمايدۇ". جورج بۇشنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى مۇھىم ئىختىلاپلاردىن بىرىدۇر. ئېكولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يەر شارى ئىسسىقلىقىنىڭ 2 سىلسىيە گرادۇس ئۆرلىشى، 2 مىليارد ئىنساننى سۇ مەسىلىسىگە گىرىپتار قىلىدۇ يەنە دۇنيادىكى ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ 20 - 30 %نىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2007 ‏ - يىللىق دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر 2020 ‏ - يىلغا قەدەر تارقىتىۋاتقان كاربون 4 ئوكسىد گازىنى 25 - 40% ئارىسىدا قىسقارتمىسا، ئىنسانىيەت ئېغىر دەرىجىدىكى قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ۋە بوران ئاپەتلىرىگە دۇچ كېلىدۇ.

ئامېرىكا بولسا نۆۋەتتە، ھاۋا بۇلغىنىشقا ئەڭ كۆپ سەۋەب بولۇۋاتقان دۆلەت خىتاي بىلەن ھىندىستان، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ قارىشىچە بولسا، ھاۋا بۇلغىنىش يېقىنقى بىرقانچە يىللىق مەسىلە ئەمەس، ئەكسىچە سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئۈزۈن مەزگىللىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا مەسئۇلىيەت شۇلاردا بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەرەپلەر ئۆز مەيدانىنى تەكرارلىغان. ھىندىستان كاربون 4 ئوكسىد تارقىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى، چەكلەش نىسبىتىنىڭ سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭكىدىن تۆۋەنرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش - قاتناشماسلىق گەرچە 8 دۆلەت يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، يىغىننىڭ ئېچىلىش كۈنى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يىغىندا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش قارارىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئولىمپىكقا سىياسەت ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بايان قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەمەس، خىتاي خەلقىنى جازالاش مەنىسى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئولىمپىكقا سىياسەت ئارىلاشتۇرماسلىق چاقىرىقى بارلىق تەرەپلەر تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەشەببۇستۇر. ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە ئوتتۇرا مەيدان مەۋجۇت ئەمەس،شۇڭا ئولىمپىكقا سىياسەت ئارىلاشتۇرماسلىق پەقەت دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈنلا ئۇيغۇندۇر. 8 دۆلەت يىغىنىدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئولىمپىك روھىي دېمەك قېرىنداشلىق روھىي ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تىبەت سىياسىتىدە قېرىنداشلىق روھىنى كۆرۈش مۇمكىنسىزلىكىنى، شۇڭا ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قېتىلىش - قېتىلماسلىق مەسىلىسىدە يەنىلا ئويلۇشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سانائەتلەشكەن 8 دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى يىغىنى 1975 ‏ - يىلى ئېچىلغان. بۇ 8 دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 65% گە ساھىپتۇر. يىللىق دۇنيا ھەربىي خىراجىتىنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ دۆلەتلەرگە ئائىتتۇر. سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يىغىنى بۈگۈنگە قەدەر ئېكولوگىيە ۋە ئاچارچىلىق مەسىلىسىدە بىر قاتار نەتىجە ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، دۇنيادىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇلار، ئافرىقىنىڭ نامرات ھالىتىنى ياۋروپانىڭ سياسىي ئۆتمۈشىگە باغلاپ چۈشەنگۈچى ماركىستلار بىلەن، يەر شارىلىشىشنى مىللىي مەۋجۇدىيەتكە تەھدىت دەپ قارىغۇچى كونسىرۋاتىپلاردۇر.

بۇ قېتىمقى 8 دۆلەت يىغىننىڭ ئېچىلىش كۈنى ياپونىيىدىمۇ 2500 كىشىلىك بىر نامايىشچىلار قوشۇنى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يىغىن مەيدانىنى 20 مىڭ كىشىلىك قوغدىغۇچىلار مۇھاپىزەت قىلغان. يىغىنغا 5000 نەپەر مۇخبىر ئىشتىراك قىلغان.