ئۇيغۇرلارغا ھەجگە بېرىشنىڭ يولى قەيەردە ؟
ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى توساشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرى قايتا باشلانغان.
بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پاسپورتىنى يىغىۋېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن پاسپورت ئىشلىتىۋاتقانلارغا قارىتا چەكلىمە ھەم يولسىز تەلەپلەرنى كۆپەيتكەن. شۇنداقلا تاموژنا ئورۇنلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان چەتئەلگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا ئىكەن. شۇنداقلا جايلاردىكى دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى نۆۋەتتە 2009 - يىللىق ھەج پائالىيىتىگە تىزىملاشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىنكاس قىلغۇچى ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز تارقاق ھەجىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ قانۇنلۇق ھەج قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە، قانۇنلۇق ھەج قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە تىزىملىتىشقا بارغاندا، ھەجگە تەشكىللىگۈچى دائىرىلەر ھەجگە تىزىملىتىش ھەقىقى ھەم ھەج راسخوتىغا ئوخشاش رەسمىيەتلەر ئۈچۈن ئېلىنىدىغان باھانى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇنلۇق ھەج قىلغۇچىلارنىڭمۇ يولىنى توسماقتا ئىكەن.
بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاق ھەجنى توساش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، تېلېفوننى ئالغان سىرتقى تەشۋىقاتقا مەسئۇل خىتاي خادىم، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدىن جاۋاب ئىزدىشىمىزنى ئېيتتى.
قاتمۇ - قات توساق
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاق ھەج قىلىشنى چەكلەشتە، كەنت كومىتېتى تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش، يېزا - بازارلىق ساقچىخانىلار سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، يېزا - بازار رەھبەرلىرى تەستىقلاشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق توساق قۇرغان بولۇپ، پاسپورت ئېلىشقا، ھەج قىلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار مانا بۇ ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن ئاز بولمىغان جاپالىق يوللارنى مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن.
بىز ئاقسۇنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پاسپورت ئىشلىتىشىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى سورىدۇق.
قانۇنلۇق ھەج قىلغۇچىلار قانۇنسىز يوللارنى مېڭىشقا مەجبۇر
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كوللېكتىپ ھەجگە بارىدىغانلاردىن ئالىدىغان ھەج راسخوتى يىلدىن - يىلغا ئۆرلەۋاتقان بولۇپ 2006 - يىلى 23 مىڭ يۇەن، 2007 - يىلى 24 مىڭ يۈەن، 2008 - يىلى 25 مىڭ يۈەن بولغان بولۇپ، بۇ يىلغا كەلگەندە باھا تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان.
رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئۇ ھەجگە تىزىملايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا بارغاندا، مۇناسىۋەتلىك كادىرلار بۇ يىللىق ساننىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئايرىم سۆزلىشىپ ئەگەر ھەج راسخوتى، تىزىملىتىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 مىڭ يۈەندىن باشقا يەنە، 25 مىڭ يۈەن تاپشۇرسا تىزىمنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىقى ئېيتقان.
ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان بەزى مۆمىن ئۇيغۇرلار قانچە پۇل كەتسە كەتسۇن دەپ شۇ پۇلنى تاپشۇرۇشقا رازى بولسا، يەنە بەزىلەر، ھەج يولىدىكى پارىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھەجدىن ئىبارەت مۇقەددەس تاۋابقا بۇ خىل پارا بېرىش - پارا ئېلىش، كىشىلەرنى قاخشىتىشتەك گۇناھلارنىڭ ھاراملىقتىن سايە تاشلاپ، ھەج قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ساۋابىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەج قىلىش نىيىتىدىن ئامالسىز يېنىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى تارقاق ھەجگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەندىن باشلاپ ئادەتتىكى سودا ياكى ساياھەت ئىشى ئۈچۈن چېگرا ئاتلىماقچى بولغانلارمۇ نۆۋەتتە دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرىگە بېرىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ 40 مىڭ يۈەن گۆرۈ قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
مەلۇم ئۇيغۇر تور بېتىگە كوللېكتىپ ھەج پائالىيىتىگە تىزىملىتىش ھەققىدە نارازىلىقىنى ئېلان قىلغان بىر كىشىنىڭ ئىپادىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى ھەجگە تىزىملىتىش ھەقىقىي ئۈچۈنلا 15مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان.
ھەج قىلالماي ئارماندا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قانۇنلۇق كوللېكتىپ ھەجگە تەشكىللەش نامىدا ھەجگە ھەق ئېلىش ئىشلىرىدا ئۆمرىدە بىر ھەج پەرزىنى ئۆتەشنى ئەقىدە قىلغان مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆمۈر بويى جاپا مۇشەققەتتە يىغقان پۇللىرىنى قانۇنسىز رەسمىيەت بېجىرىش باھانىسى ۋە باشقا باھانىلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن پايدىلىنىپ قاقتى - سوقتى قىلىشى كىشىلەردە شىكايەت قوزغىماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەتمىش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۆمرىدە بىر ھەج قىلىشنى ئەقىدە قىلغان بولسىمۇ، تۈرلۈك توسالغۇلار سەۋەبلىك ئارماندا ئۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2007 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش خىزمەت يىغىنىدا، رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىكى ئىسمائىل تىلىۋالدى " جايلار ۋە تارماقلار ھەج قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ تارقاق ھەج قىلىشنى تەشكىللىگۈچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش كېرەك، تارقاق ھەج قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەت" دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ھەم ئىنكاسلاردىن تارقاق ھەج قىلىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى جىددىي كونترول قىلىشى، رەسمىيەتلەرگە بولغان يولسىز تەلەپلەرنى كۈچەيتىشى، ھەجگە تەشكىللەش باھالىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق توسالغۇلار، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يول تېپىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تارقاق ھەجگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.