ئىككى ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ

ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بىلەن ج خ نازارىتىنىڭ نازىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

0:00 / 0:00

لېكىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن. ھۆكۈمەت "زەھەرلىك يىڭنە" ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتقاندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئۆلۈم - يېتىم كۆپەيگەن.

بىز، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتى ئۈستىدە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جى، يەنە بىر بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ياۋخۇا.

لېكىن ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر، بۇ ئىككى ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، زىددىيەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلەر دوكتورى ھاجى قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.