10 دۆلەت ئەزاسى بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ئىراق دۆلەت رەئىسى جالال تالىبانى مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە مۇنداق دېدى: قىممەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەئىسلىرى، دۆلەتلىرىمىزنىڭ، ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىياتنى داۋام قىلدۇرۇش يولىنىڭ رايونلۇق دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ۋە تىجارى ھەمكارلىققا باغلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز چۈشىنىپ يەتتۇق. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تىجارەت ھەجمىنىڭ يۈزدە 7% كە چۈشۈپ قېلىشى، ھەممىمىز ئۈچۈن بىر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە بىر مىسال ئېلىشقا توغرا كەلسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەتلەر ئارا تىجارىتىنىڭ توپلام تىجارەت ھەجمىنىڭ يۈزدە 60% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى سۆزلەش كۇپايە قىلىدۇ.
تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ
ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە يەنە، تۈركىيىنىڭ، بۇ تەشكىلاتنى قۇرغۇچى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر جۇغراپىيە يەر ئۆلچىمىگە ئىگە بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ 8 مىليون كۋادرات مېتىر يۈز ئۆلچىمى، 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە دۇنيادا گىئوئىسىتراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇللاھ گۈل، دۆلەتلىرىمىز بەك باي تەبىئىي مەنبەلەرگە، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە. بۇ ئېتىبارى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايونى ئىقتىسادىي ۋە تىجارى ھەمكارلىق جەھەتتە چوڭ بىر كۈچكە ئىگە.
يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش
نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمى دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ئۈچ قىتئە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت بېغىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان رايوننى يېڭىدىن قەدىمكى كۆركەملىك ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابدۇللاھ گۈل، ئىلگىرى يىپەك يولى، باھارات يولى دەپ ئاتالغان بۇ گۇزەرگاھنى دۆلەتلىرىمىزنىڭ كوللېكتىپ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرىدىغان بىر ئېنېرگىيە، سودا مۇناسىۋەت ۋە قاتناش يولى ھالىغا كەلتۈرۈش بىرىنچى مەقسەت بولۇشى كېرەك دېدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىسى، شەرق-غەرب تىجارىتىدە مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى بولالايدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىپەك يولى قاتناش كارۋىنى سىناق پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەقدىرلەشكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ غەيرەت قىلغان تەقدىردە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شەرق-غەرب تىجارىتىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر قاتناش گۇزەرگاھى ھالىغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە يەنە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تىجارى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
زامان گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا، مەدەنىيەت، تىجارەت ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش جەھەتتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىغىندا يەنە 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئەركىن تىجارەت قىلىش مەركىزى قۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۈگۈنكى يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلاندى ۋە تەشكىلاتنىڭ سابىق رەئىسى ئەخمەدىي نىجاتىدىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەئىس ۋە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن تاماق زىياپىتى بەردى. باش مىنىستىر ئەردۇغان خەلقئارالىق ئىقتىسادىي كرىزىس ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسقا تامامەن خاتىمە بېرىلدى دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە تۈركىيىنىڭ، خەلقئارالىق ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە چوڭ بىر ئىشەنچ بىلەن پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تىنچلىق، ھۇزۇرۋە ئادالەتنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ۋە يۈكسىلىشكە ۋاسىتە بولىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز دېدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم قارارلار ئېلىندى
ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار، يىغىن ئاخىرىدا ئىستانبۇل ئۇقتۇرۇشى دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكى. ئىزمىر شەرتنامىسىنىڭ نىشان ۋە مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم بېسىش كېرەكلىكى، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى كېرەكلىكى قارار قىلىندى. ئىستانبۇل ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇش ۋە مەسىلىلەرنىڭ، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە سالغان زىيانلىرىنى تىلغا ئېلىپ، توقۇنۇش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسلانغان ھالدا تىرىشىش كېرەكلىكى قارار قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2015 ھەرىكەت بەلگىسىدە يەر ئالغان ئەركىن تىجارەت مەركىزى قۇرۇش قارار قىلىندى ۋە بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى داۋام قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈركىيە، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1964 - يىلى قۇرغان تەرەققىيات ئۈچۈن رايونلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ داۋامى بولۇپ 1985- يىلى قۇرۇلغان. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 400 مىليون ئىنسان ياشايدىغان، 8 مىليون كۋادرات كىلومېتىر يۈز ئۆلچىمىگە ئىگە 10 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تەشكىلات. ھازىر، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان. قاتارلىق 10 دۆلەت مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولدى.