زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئامىنە ئىنانچ ۋەخپى مەسچىتىنىڭ ئىمامى قۇربان ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇپ قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتى كىشىلەرگە، زۆرۈر تېپىلغاندا ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلىش ۋە بايلىقىنى مۇھتاج كىشىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنى نامايەن قىلىدۇ. قۇربان ھېيت بايرىمى بايلارنىڭ موھتاج ۋە يوقسۇللارغا كۆيۈنۇشىگە ۋاسىتە بولىدۇ. قۇربان ھېيت بايرىمى كىشىلەرنى ئورتاق خۇشال قىلىدىغان. مۇزلىغان يۈرەكلەرنى ئېرىتىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانلار زىيارەت قىلىشىدىغان، قوشنىلار ئۆز - ئارا يوقلىشىدىغان خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق ۋە ئىبادەت كۈنلىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن قۇربان ھېيت كۈنلىرى، كىشىلەر ئاتا - ئانىلارنى، ئۇرۇق تۇغقانلارنى، يىتىم - يېسىرلارنى، ئىگە چاقىسى يوق كىشىلەرنى زىيارەت قىلسۇن. ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلسۇن، كىچىك بالىلارغا ھەدىيە بېرىپ سۆيۈندۈرەيلى. يېتىملەرگە، ئىگە چاقىسىز كىشىلەرگە قۇربانلىق گۆشلىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنى خۇشال قىلايلى. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلايلى. قۇربانلىقنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلايلى. ھەممىڭلارنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. جانابى ئاللاھتىن، بۇ بايرامنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا ھۇزۇر، خۇشاللىق ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشكە ۋاسىتە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمىنى قانداق كۈتۈۋالدى؟ قۇربان ھېيت بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.