ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 2009 ‏- يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ قۇربان ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

2009 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 3 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگرافى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دەۋلەت باھچەلى ۋە ياۋروئاسىيا بىر ۋەخپى قاتارلىق بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگىرافىنى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.

دوكتور ئالىمجان سۆزىدە، قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا سالاملىشىپ بىر - بىرىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى ۋە ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىپ ھال ئەھۋال سوراشتى. مۇراسىم ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى. زىياپەتتىن كېيىن مۇراسىم ھاياجانلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.