ئىستىقلال ئىنتېرنېت رادىئو-تېلېۋىزىيىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى

ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيىسى، 2010‏-يىلى 11‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى يەنى تارىختا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان تارىخى بىر كۈندە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىغان.

0:00 / 0:00

ئىستىقلال رادىئو - تېلېۋىزىيىسى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيان ھەر كۈنى خەلقئارا خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۈندىلىك ئۇچۇرلار تارقىتىپ كەلمەكتە.

ئىستىقلال رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېكىتى، www.Istiqlaltv.Com تېلېۋىزىيە، رادىئو ۋە خەۋەرلەر مەركىزى قاتارلىق ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈمدە مەخسۇس خادىملار ھەر كۈنى مەشغۇلات قىلىپ پروگرامما تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە. ئىستىقلال رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرلىرى تېكىست، رەسىم ۋە سىنئالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىستىقلال رادىئوسى ھەر كۈنى، شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى، خەلقئارا خەۋەرلەر، ۋەقە ۋە مۇلاھىزىلەر، ئىلمىي ماقالىلەر سەھىپىلىرى بويىچە ئىككى سائەتلىك پروگرامما تەييارلاپ ئاڭلىتىش بېرىپ كەلمەكتە. ئىستىقلال رادىئوسىدا ھەر كۈنى ئاڭلىتىلغان 2 سائەتلىك يېڭى پروگرامما شۇ كۈنى 24 سائەت تەكرار ئاڭلىتىلىدىكەن.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى، خەلقئارا خەۋەرلەر، پەن - مائارىپ، ئىسلام دىنى، سىياسەت مەيدانى، دۇنياغا نەزەر، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار بويىچە پروگرامما تارقىتىپ كەلمەكتە.

بىز ئىستىقلال رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

istiqlal-radio-TV-mudiri-ABDUWARIS-385.jpg
ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋارىس ئەپەندى. 2011-يىلى 5-يانۋار (RFA/Arslan)

بىز يەنە، بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋارىس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇۋارىس ئەپەندى، بۇ ئىستىقلال رادىئو‏-تېلېۋىزىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي تەشۋىقات ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭ دېگىنىنى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ، ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە ۋەقەلەر چەتئەللەرگە ئاڭلىتالمايدۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، سىرتقا ئۇچۇر تارقىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. چەتئەللىك ئاخباراتچىلار ۋەتىنىمىزگە كىرەلمەيدۇ، كىرگەنلىرى ئۇ يەردىكى خەلقىمىز بىلەن ئەركىن سۆھبەت ئېلىپ بارالمايدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىز خىتايلارنىڭ زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، دۇنياغا كۆرسىتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا ئاخباراتلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ ئىنتېرنېت رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېچىلدى.