بىز ئالدىنقى ھەپتە بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزدا، ئوخشاش ۋەقەنىڭ ئارال يېزىسىدىن باشقا يەنە يېڭى ئېرىق يېزىسىدا ۋە مارالبېشى ناھىيىسىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بىز بۈگۈن مەزكۇر زەنجىرسىمان ۋەقەلەرگە ئالاقىدار يەنە بىر قىسىم يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق.
11 -ئاينىڭ 12 -كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ؛ دائىرىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە سىر تۇتۇلماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئارالدىن بىر ئاي بۇرۇن يېڭى ئېرىقتا، بىر ھەپتە كېيىن مارالبېشىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بىر-بىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ھۇجۇملارنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نامەلۇم بىر سىياسىي تەشكىلات ئېلىپ بارغان ئىكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى مەلۇم بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئېرىقتىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەن ئىككى نەپەر خىتاي كۆچمەن يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن. مارالبېشىدا ئۆلتۈرۈلگىنى بولسا مارالبېشى بازىرىدىكى بىر سودا بازىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچىلار ۋەقە جەريانىدا پىچاق، خەنجەر، تۆمۈر كالتەك ۋە ئامبۇر قاتارلىق ئەسۋابلارنى قوللانغان. ئۇلار پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەشكىلاتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن؛ ۋەقە پەيدا قىلىش جەرياندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ پۇل ۋە پۇلغا يارىغۇدەك مال-مۈلكىنى ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنىڭ ئولجىسى سۈپىتىدە توپلىغان.
مەزكۇر تەشكىلات، ئەينى مەقسەتتە مارالبېشى بازىرىدىكى بىر زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كېچىدە يوشۇرۇن كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندا، ئەتراپتا بازارنىڭ بىر خىتاي مۇھاپىزەتچىسى پەيدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن ھۇجۇمچىلار، ئىز قالدۇرماسلىق ھەم تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ مۇھاپىزەتچىنىمۇ ئۆلتۈرگەن.
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ ۋەقەلەر بۇ يىل 9 -ئاينىڭ 18،كۈنى ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي چارلاش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەنمۇ چېتىشلىقتۇر. ۋەقەدە قوللىنىلغان قورال ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندىن قارىغاندا، بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە قەشقەرنىڭ يامانيار ۋە پەيزىۋاتنىڭ قىزىلبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ قوراللىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇت. بۇنىڭدىن قارىغاندا شۇ يىللاردىكى ھۇجۇمچىلار بىلەن ھازىرقىلار ئارىسىدا، كۈرەش غايىسى ۋە كۈرەش مېتودى جەھەتتە ئورتاقلىق بارلىقى بايقالماقتا. ئولىمپىك مەزگىلىدىكى قىزىلبۇيا ۋە يامانيار ۋەقەلىرىدە ھۇجۇمچىلار ئاساسلىقى پىچاق ۋە خەنجەر بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. شۇ قېتىمقى ۋەقەلەر ھەققىدە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ساقچى باشلىغى مۇنداق مەلۇمات بەرگەن ئىدى:
قىزىلبۇيا ۋە يامانيار ۋەقەلىرىدە خىتاي ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر قوغداش خادىملىرى ئۆلتۈرۈلگەن؛ ئەمما خەۋەرلەردە بۇ ھۇجۇملارنىڭ شۇ چاغدا پىلانلىق ئەمەس، بەلكى توسالغۇغا ۋە خەۋپ-خەتەرگە يولۇققاندا ئامالسىزلىقتىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئارال، يېڭى ئېرىق ۋە مارالبېشى ۋەقەلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بولمىغان.
ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلار 2008 -يىلىدىن بۇيانقى ھەرىكەتلىرىدە ئاساسلىقى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ھۇجۇملاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەخسۇس ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى بايقالماقتا. ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشى، ھۇجۇمچىلارنىڭ قورال جەھەتتىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىنمۇ خەتەرلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بۇ نۇقتا ھازىرچە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.