بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز بۈگۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇقېيۇم مەمەتنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىپ، قەشقەردە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر ۋە پىكىر ئىگىلىدى.
ئابدۇقېيۇم مەمەت ۋەقەنى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىبلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچى دىلشات رىشىت بولسا، ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى ۋە ھەقىقىي قاتىل خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كۆرسەتتى.
قەشقەردە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن 18-ئاپرېل ۋە 22-ئاپرېل ۋەقەلىرى ، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالدى.
خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيانجۇ 22-ئاپرېل ۋەقەسىدىن كۈن كېيىن دەرھال قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ قەشقەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇقېيۇم مەمەتنى زىيارەت قىلدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، يېقىنقى ۋەقەلەرنى كۆرۈنۈشتە گەرچە ئۇيغۇر ياشلىرى قىلغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالماي كۆچمەن يۆتكەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا، بۇ خىل خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى ھۇجۇملارنىڭمۇ داۋاملىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى.
دىلشات رىشىت باياناتىدا ئۆز ئىرادىسىنى نورمال قانۇنىي يوللار بىلەن ئىپادىلىيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ چوقۇم ئوخشىمىغان يوللار بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، قەشقەردىكى يېقىنقى ئىككى ۋەقەنىڭ مانا بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدا قەشقەردە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرى ھەققىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاتتۇق.