ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى ئېچىلدى

ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتى سانت پائۇل شەھىرىدە باشلاندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 5000 قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قوللىغۇچى مىڭلىغان كىشىلەر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان ئۆكتىچى پىكىردىكى مىڭلىغان نامايىشچىلار مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ساھىلىغا جايلاشقان قۇرۇلتاي شەھىرى - سانت پائۇلغا توپلانغان ئىدى.

سانت پائۇل شەھىرىدىكى Excel ئېنىرگىيە مەركىزىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايغا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك دانكۇن رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىشىدا ئامېرىكا دۆلەت شېئىرى ئوقۇلدى.

لېكىن قۇرۇلتاي، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكى شىتاتلار ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دېڭىز قۇيۇنىنىڭ ھۇجۇمىدا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىك تۈپەيلى 1‏ - كۈنىدىكى پروگراممىسىنى قىسقارتقان ئىدى. ئەسلى پروگراممىدا قۇرۇلتاي ئېچىلغان كۈنى پرېزىدېنت بۇش، مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېنىي ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى رەھبەرلىرى سۆز قىلاتتى. لېكىن گۇستاف دېڭىز قۇيۇنى تۈپەيلى بۇ پروگرامما قىسقارتىلدى.

قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىنى دېڭىز قۇيۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىكى ئىگىلىگەن ئىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك دانكۇن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە دېڭىز قۇيۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئاپەتدارلارغا دۇئا قىلىشنى، جون مىكېين ۋە سارا پالىنلارنىڭ پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

مايك دانكۇن مۇنداق دەيدۇ": جون مىكېين ۋە سارا پالىنلارنىڭ پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر. بىز ئامېرىكىلىقلار دەپ ئاتىلىش شان شەرىپىمىز بىلەن سالاھىيەت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، پارتىيىنىڭ قائىدە - تۈزۈم ۋە قۇرۇلتاي يولى بىلەن مېڭىپ، خىزمىتىمىزنى پارتىيە قائىدە تۈزۈمى ۋە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاماملىشىمىز لازىم".

پرېزىدېنت بۇش ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېنىيلارنىڭ قۇرۇلتاي پروگراممىسى بىكار قلىنغانلىقى تۈپەيلى قۇرۇلتاينىڭ 1‏ - كۈنى سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتچى زاتلار ئىچىدە سىياسى سالاھىيىتى ئەڭ يۇقىرى كىشىلەر بىرىنچى خانىم لورا بۇش ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيننىڭ خانىمى سىندى مىكېينلاردۇر. قۇرۇلتاي رىياسەتچىسى لورا بۇشنى سەھنىگە تەكلىپ قىلغاندا قۇرۇلتاي زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى. لورا بۇش قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئاساسلىقى مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكى ئاپەتدارلارنى قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈستىدە توختالدى.

لورا بۇش خانىم مۇنداق دېدى: " قولتۇق رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىزنى يۆتكىۋەتتى. بىزنىڭ شۇنداقلا بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھازىرقى 1 ‏ - ۋەزىپىمىز مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر... بۇنداق ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە بىز ئامېرىكىلىقلار ۋە بىزنىڭ ئامېرىكا غايىسىدىن ئىبارەت ئورتاقلىقىمىز دائىم سىياسىي پارتىيىلەر ۋە پىكىر جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتىن غالىپ كەلدى. بىز قولتۇق رايونىدىكى خەلقنىڭ ئامېرىكا خەلقى قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىغا كامىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز".

ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكى ئاپەتدارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ سايلام پائالىيىتىدىكى رىقابەت تېمىسى بولۇپ قالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيننىڭ خانىمى سىندى مىكېين قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، ئاپەتدارلارغا ياردەم بېرىش فوندى قۇرغانلىقىنى، كىشىلەرنى ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. ئۇ،" مەن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىشىپ، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ئەڭ تېز ئارىدا ياردەم قولىمىزنى سۇنىشىمىز كېرەك. خۇددى جون مىكېين يېقىندا ئېيتقاندەك، ھازىرقى ۋاقىت جۇمھۇرىيەتچىلىك قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ ئامېرىكىلىق قالپىقىنى كىيىدىغان ۋاقىتتۇر".

قۇرۇلتايدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كەۋىن مىككارتي دېموكراتلارنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئېنىرگىيە مەسىلىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ سىياسىي مەيدانىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى پارتىيىنىڭ ئېنىرگىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بەزىلەر بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ھەرىكىتىدە چوڭ پەرقلەر يوق، دەيدۇ.....ئېنىرگىيە مەسىلىسىدە دېموكراتلار ئامېرىكا يەر ئاستى بايلىقىنى ئىشلىتىش تەرەپدارى ئەمەس. بۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىش دېگەنلىكتۇر. بىز بۇنىڭغا قوشۇلمايمىز".

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا كىشىگە بېرىدىغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە چىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدۇر. قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان Excel ئېنىرگىيە مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن كوچىلار قاتناش قوراللىرىغا تاقىۋېتىلگەن. لېكىن بۇ يەنىلا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغۇچىلار، ئاياللار ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، لىبېراللار ۋە بىر قىسىم ئانارخىستلارنىڭ قۇرۇلتاي زالىغا يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلارغا توپلىنىپ نامايىش قىلىشىنى توسىيالمىدى. يىغىلىش ئاساسەن تىنچ ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى بىر قىسم ئانارخىست گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلار ئۇلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ساقچىلار نامايىشچىلاردىن ئاز دېگەندە 45 - 50 كىشىنى تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.

19 ياشلاردىكى يوئېندىۋېن شوتلاندىيىلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قۇرۇلتىيىغا قارشى نامايىش ئۈچۈن ئالايىتەن سانت پائۇلغا كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن تىنچلىققا ئىشىنىمەن، پۈتۈن خەلقلەر بىلەن تىنچ ياشاش كېرەك، دەپ قارايمەن شۇنداقلا ئەركىنلىككە ئىشىنىمەن. ئامېرىكا دۇنيادا نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلدى، دەپ قارايمەن. شۇڭا بىز ئەتراپىمىزنى ئۆزگەرتىش، خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم. ئامېرىكا ئالدى بىلەن تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، تاشقى سىياسەتتىكى رادىكال پوزىتسىيىسى ۋە دۇنيانىڭ ساقچىسى بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. يوئېندىۋېن يەنە جون مىكېيننىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. يۇئېندىۋېن" ئۇ ئۇرۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى. ئۇ بۇنى ئاشكارە سۆزلىدى. ئۇ ئىراقتا 100 يىل تۇرۇشنى مەمنۇنىيەتلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق دېسە قانداق بولىدۇ. بۇ بىر ئالجىغانلىقتۇر " دەيدۇ.

لېكىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان بەزى جۇمھۇرىيەتچى ۋەكىللەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدۇر. مالدونادو خانىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى. ئۇ رادىئومىز مۇخبىرىغا نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا نېمە ئۈچۈن جون مىكېين غەلىبە قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، جون مىكېين ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىن ‏ - بىر نامزات، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ " مېنىڭچە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر يەنە مەۋجۈت مەسىلە. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ مەسىلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. سودا ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ساھەدە بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئەھۋالىمىزنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، باشقا ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەن پۈتۈن نامزاتلار ئارىسىدا جون مىكېيننى بۇ مەسىلىدە قانداق قىلىشنى بىلىدىغان، ئاكتىپ بىر شەخس دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ شۇنداقلا بۇ ساھەدە تەجىربىلىك" دەپ كۆرسەتتى.

قۇرۇلتاينىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىنى ئەسلى شۇ كۈنى كەچ سائەت 10:00 لارغا قەدەر داۋام قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى سائەت 5:30 لاردا بالدۇر تارقالغانلىقىنى جاكارلىدى. قۇرۇلتاي پەيشەنبە كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا جون مىكېين جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا قۇرۇلتاي نۇتۇقى سۆزلىشى مۇمكىن.