بۇ كىتابنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندا تونۇلغان زىيالىيلىرىدىن پولات قادىر تۇرفانى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بىرىنچى نەشرى 1975 - يىلى ئېلان قىلىنغان. پولات قادىر تۇرفانى بۇ كىتابنى ئەدەبىي تەخەللۇسى بولغان ئاماچ قاراخوجا ئىسمى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان.
بۇ كىتاب 2008 - يىلى 9 - ئايدا 3 - قېتىم نەشىر قىلىندى. كىتابنى ئىسمايىل جېڭگىز بىلەن جېلىل تۇران نەشىرگە تەييارلىغان. كىتابنىڭ ئاپتورى پولات قادىر تۇرفانى تۈركىيىدىكى مەزگىلدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالارنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
80 بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ كىچىك كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، قوچۇ، قاراخانىيلار دۆلەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، چاغاتاي ۋە مانجۇ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى يېڭى دەۋر بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىن 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغىچە بولغان مەزگىلنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان.
بۇ كىتاب ھازىرغىچە تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان تۈركچە ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى پولات قادىر تۇرفانىنىڭ 1944 - 1946 - يىللاردىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان كىشىلەردىن بىرى بولۇشى، بۇ كىتابنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.
كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان جېلىل تۇران ۋە پولات قادىرى تۇرفانىنى يېقىندىن تونۇيدىغان كىشىلەر بۇ زات ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت زىيارىتىنى ئاڭلايسىلەر.