خەلقئارا خەۋەرلەردە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دەپ بايان قىلىنماقتا ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ غايىسىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى خىتايدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. خەۋەرلەردە يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكىرىي قوماندانى سەيپۇللاھ دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە سەيپۇللاھ دېگەن نامنىڭ ئاللاھنىڭ قىلىچى دېگەن مەناغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئابدۇلھەق داموللاھ ئىكەنلىكى مەلۇم.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى يۇقىرىقى سۆزلىرىنى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى باياناتىدا بىلدۈرگەن. بۇ تەشكىلات بۇ يىل 23 - ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتىدا خىتايدا يېقىنقى ئايلاردا يۈز بەرگەن بىرقانچە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي يۇقىرىقى ۋەقەلەر ھەققىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىدىن سوئال سورىغاندا، مىنىستىرلىقتىكىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. شاڭخەي ۋە كۈنمىڭ ساقچى ئىدارىسى بولسا، باياناتتا دېيىلگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋەقەلەردە ئولىمپىك ياكى تېررورلۇققا ئالاقىدار پاكىت بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۈنمىڭدىكى ۋەقەدە 3 ئاپتوبۇس پارتلىغان، 3 ئادەم ئۆلۈپ، 14 ئادەم يارىلانغان ئىدى. خىتاي بۈگۈنگە قەدەر كۈنمىڭدىكى پارتلىتىش گۇماندارلىرىنى بايقىيالمىغان ۋە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە، 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. شاڭخەيدىكى پارتلاشنى بولسا، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ نېرۋىسىدىن ئاداشقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئايلاردىن بېرى، ئولىمپىكقا ئاساسى تەھدىتنى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن كېلىدۇ دەپ بايانات بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىنى رەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە، ئولىمپىك مەزگىلىدە تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۈركۈتۈپ قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى بۇ تېمىدىكى تەخمىنلەردىن بىرىدۇر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، باياناتتا دېيىلگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما باياناتتا دېيىلگەن ۋاقىتتىن 3 ئاي بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىدا، گۇاڭدۇڭدا بىر سۇلياۋ زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، جېجياڭدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا بومبا قاچىلانغان تراكتور بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، TIP نىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قابىلىيىتى بار - يوقلۇقى ھەققىدە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن. خىتاي مۇتەخەسسىس لى ۋېي بۇ سوئالغا، "يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن. لى ۋېي بېيجىڭدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى تېررورلۇقتىن مۇداپىئە كۆرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئۇلار جۇڭگونىڭ بىر قانچە شەھىرىدە ھۇجۇم ئېلىپ بارالمايدۇ، ئۇلار پەقەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولسا كېرەك."
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىدا، ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنى تەڭ قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سىنگاپوردىكى تېررور مۇتەخەسسىسلىرىدىن Rohan Kumar Gunaratna بولسا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بۇ خىل قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن. "شىنجاڭدا خىتايغا قارشى بىر مۇنچە گۇرۇپپىلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ئىقتىدارلىقى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىدۇر. ئۇلارنىڭ 40 تىن ئارتۇق خىللانغان جەڭچىسى بار. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى،" - دەپ كۆرسەتكەن Rohan Kumar سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "خىتاي تېررورلۇققا قارشى مۇداپىئەسىنى ناھايىتى كۈچەيتىۋەتتى، ئۇلار چوڭ تىپتىكى ھۇجۇملارنى قىلالمايدۇ. ئەمما ئولىمپىك مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ."
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى ئىستراتېگىيە مۆلچەر شىركىتى TIP باياناتىدا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىرئاز ئاشۇرۇۋېتىلگەن دېگەن. ئامېرىكىدىكى IntelCenter نامىدىكى تېررور تەتقىقات مەركىزى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى ھەرىكەت ئىقتىدارى مەۋجۇت. ئەمما، ھەرىكەت كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى گۇمانلىق تەشكىلات دەپ كۆرسەتكەن.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بېكۇلىن سۆزىدە، خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىنى توختاتمىسا، بۇ خىل گۇرۇپپىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.