تۇرپانيۈزى باغلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنماقچى (2)

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسەمەتنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىدىكى باغلارنى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

0:00 / 0:00

ئۇنداق بولسا باغنىڭ ئىگىلىرىنىڭ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا نىسپەتەن قانداق پىكرى بار ؟ بىز مۇشۇ باغلارنى بىنا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلغان، ئەسلىدىكى تاشلاندۇق خارابىلىقنى بۈگۈنكىدەك جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان دېھقانلارنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى بۇ باغلارنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى بولغان يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يۇسۇپجاننىڭ ئايالى ئۈمگۈلسۇميېزىلىق ھوكۇمەتنىڭ ئۇلارنىڭ شۇنچە جاپادا بىنا قىلغان باغلىرىنى تارتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.

كەنت باشلىقىئابدۇسەمەت بولسا كەنتنىڭ ئەينى چاغدا باغنى دېھقانلارغا پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆتۈرەگە بەرگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دېھقانلار باغدىن ياخشى ئۈنۈم يارىتالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇباغلارنىڭ يەنە 25 يىللىق توختامى بولسىمۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن بۇ باغلارنى قايتۇرۇۋېلىپ بازارغا سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى باغلارنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى بولغان نۇرى ئاكا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما شۇنچە ئەجىر - مېھنەتتە بىنا قىلغان بۇ باغلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شۇنچە ئەرزان باھادا دېھقانلاردىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا ھەسسىلەپ يۇقىرى باھادا كىم ئاشتى قىلىپ ساتماقچى بولغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئالتۇنلۇق توپىلىكىدىكى 200 مو يەرنى ئىگىلەيدىغان چوڭ باغنىڭ ئىگىسى نۇرى ئاكا، بۇ باغ ئۇچۇن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىقىنى، كۈچ - قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى، ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئەسلىدىكى تاشلاندۇق خارابى ھالەتتىكى باغنى رەتلەپ بۈگۈنكىدەك گۈزەل جەننەت ماكانىغا ئايلاندۇرغانلىغىنى، ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ مۇشۇ باغدا مېھنەت تەرىنى تۆكۈپ 6 بالىنى دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيىلىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقىغا نىسبەتەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقسىزلىقنى سورايدىغان قانۇننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرى ئاكا سوزىدە، ئۆزىنىڭ زىيالىيلارغا، مۇخبىرلارغا تايىنىدىغانلىقىنى، پارتىيىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، 100 يىل تاشلىنىپ قالغان بۇ تاشلاندۇق خارابىلىقنىبۈگۈنكىدەك گۈزەل ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى يولىگەنلىكىنى، قوللىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئايالى خەلچەم ھەدىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ كوپ قېتىم مۇكاپاتلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجە يارىتىش يولىدىكى جاپالىرىنى مۇخبىرلارنىڭ ھەر ۋاقىت خەۋەر قىلىپ تۇرغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارغا يار - يۆلەكتە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۇرى ئاكا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفوننى ئامېرىكىدىن ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مۇخبىرنى تۇرپانيۈزىنىڭ بۇ جەننەت ماكان گۈزەل باغلىرىنى چوقۇم كېلىپ كۆرۈپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى. نۇرى ئاكا سوزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىزنى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى يەنە تەكىتلىدى.