شۇنداقلا 'ھازىر دۇنيادا باش كۆتۈرۈۋاتقان بۇنداق ئىرقچىلىققا ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش -- ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىپىسى' دەپ تەكىتلىدى. بۇ، ب د ت نىڭ 2001 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلغان 'دۇربان يىغىنى' دىن بۇيان، دۇنيادا ئىرقچىلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن قىلغان يەنە بىر تىرىشچانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
'ۋىكى ئېنسكىلوپىدىيىسى' نىڭ تەبىرىگە قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقىلىنىدىغان قوۋملىرى (مىللەت) نىڭ بەلگىسى ئىرق' دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قوۋمنىڭ ئۆزىدىن باشقا قوۋمنى كەمسىتىشى ياكى چەتكە قېقىشى ئىرقچىلىق' دەپ قارىلىدۇ.
ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە ئىرقچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر مىللەت.
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندى، ب د ت بۇ قېتىم جەنۋەدە ئېچىلغان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي كەمسىتىش يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرىنى ب د ت گە يوللاپ، دۇنيا ئارقىلىق خىتايغا ئىرقىي كەمسىتىشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ يىغىننىڭ خىتابنامىسى، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق تۈزىتىلگەن ئىدى.
لېكىن ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىتابنامىدىكى ئاللىقاچان تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ئىسرائىلىيە ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئائىت بەزى ماددىلار تېخىچە ئۆچۈرۈۋېتىلمەي ساقلىنىپ تۇرغان. شۇڭلاشقا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گوللاندىيە، پولشا، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەت بۇ يىغىنغا قاتناشمىدى.