'ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىغا ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاش جىنايىتى سادىر قىلغۇزدى'

ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىنىڭ 2009‏ - يىل 9‏ - ئايلىق سانىدا 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' بىلەن 'يەتتىنجى ئىيول ۋەقەسى' دە خىتاي كۆمۇنىست پارتىيىسى خەلقنى باستۇرۇش مودېلى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلگەن بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلندى.

0:00 / 0:00

ئاپتور گۋو باۋشېڭ ئەپەندى بۇ ماقالىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزگەن قانۇنلۇق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىغا ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاش جىنايىتى سادىر قىلغۇزدى، دەپ بايان قىلدى.

ئىككى ۋەقەنىڭ باشلىنىش شەكلى ئوخشاش

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرىنجىدىن، ئىككى ۋەقەنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن باشلانغانلىقى ئوخشاش. 1989‏ - يىلىدىكى 4‏ - ئىيون ۋەقەسىدە ئوقۇغۇچىلار 'خۇياۋباڭنى خاتىرىلەش' دېگەن شەكىل ئارقىلىق، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سىياسىي ھوقۇقنى ئىشلىتىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن بولسا، 2009‏ - يىلى بەشىنجى ئىيول كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقى، ھۆكۈمەتتىن شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ئادالەتسىزلىكنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈدى ۋە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

ھەر ئىككى ھەرىكەتنىڭ تىنجلىق بىلەن باشلانغانلىقى ۋە بارغانسىرى ئۇلغۇيۇپ تەرەققى قىلغانلىقى ئوخشاش.

ئىككى ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاش

ئىككىنجىدىن، ھەر ئىككى ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئاقىۋىتى ئوخشاش. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 'تۆتىنجى ئىيون'دا خىتاي ھۆكۈمىتى 200 مىڭ كىشىلىك قوراللىق قىسىم ئىشلەتكەن بولسا، 'بەشىنجى ئىيول'دا 130 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئىشلەتتى ۋە لەنجو ھەربىي رايونىنى يەنە بۇنىڭغا زاپاس قويدى، بەلكى ئۈرۈمچىدە نامايىشنى باستۇرغان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ باستۇرۇش ئىقتىدارى تيەنئەنمېندە نامايىشنى باستۇرغان قوراللىق قىسىمدىن يۇقۇرى.

'تۆتىنجى ئىيون' دا خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ باياناتچىسى يۇەنمۇ 23 ئادەم ئۆلدى، دېسە، دۆلەت رەئىسى ياڭ شاڭكۇن 600 ئادەم ئۆلدى، دېگەن ئىدى. 'بەشىنجى ئىيول' دا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تۇرۇپ 197ئادەم ئۆلدى، دېسە، بىر تۇرۇپ 1600 دەك ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى، دېدى.

خەلقئارا جەمئىيەت 'تۆتىنجى ئىيون' دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېپىگە ئىشەنمىگەنگە ئوخشاش، 'بەشىنجى ئىيول' دىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. بەلكى خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ 'تۆتىنجى ئىيون' دا 3000 ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى، دېگىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 'بەشىنجى ئىيول' دا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى 400 دىن 1000 غىچە دېگىنىنى توغرا دەپ قارىدى.

ھەر ئىككى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا بولغان كونتروللۇقى ئوخشاش

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەر ئىككى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشى ئوخشاش.'تۆتىنجى ئىيون'دا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتنى ھەرخىل بەدناملار بىلەن قارىلاپ 'چەتئەللەردىكى جوڭگوغا قارشى كۈچلەر قوزغاتتى'، 'بىر ئۇچۇم قارا كۈچلەر، لۈكچەكلەر قايمۇققان ئاممىنى ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاشقا قۇتراتتى'، 'ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلدى' دېگەن ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنىلا كۆرسەتكەن، خەلقنىڭ گېزىتلارغا ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئەينىنى چۈشەندۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان بولسا، 'بەشىنجى ئىيول'دىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بۇ ھەرىكەتنى 'ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاش جىنايىتى سادىر قىلدى'، 'چەتئەلدىكى رابىيە قادىر پەيدا قىلدى'، دېدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 'بەشىنجى ئىيول'دا ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى فوتوغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى'ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاش' كۆرۈنۈشلىرىنىلا ئېلان قىلدى، ئۇنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىمىدى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان فوتو رەسىملەردىمۇ ئۇلارنىڭ چىرايى ئېنىق ئەمەس، كىملىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.

ھەر ئىككى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان باستۇرۇش ئۈچۈن بانا تېپىش مودېلى ئوخشاش

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ئىككى ۋەقەدە قوللانغان باستۇرۇش ئۈچۈن بانا تېپىش مودېلى ئوخشاش. 'تۆتىنجى ئىيون'دا ئازادلىق ئارمىيە تيەنئەنمېنگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلىرى كىرىپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ جەريانىنى 1989‏ - يىلى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جاسۇسلۇق روتىسىدا تۇرغان، كېيىن قوماندىغا بوي سۇنمىغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىغان ۋۇ ئەپەندى پاش قىلدى. 2008‏ - يىلى تىبەت قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانى لى ليەنشۈ قىسىملىرىغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقنىڭ 5 ‏ - ماددىسىدا، مەخسۇس ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق روتىسىغا 'ئىككى يۈز جەڭچى راھىپچە ياسىنىپ، ئىبادەتخانىلارغا كىرىپ نوم كۆيدۈرۈش ۋە گەنسۇ سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاش' توغرىسىدا ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىمۇ سىر ئەمەس.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 'بەشىنجى ئىيول' دىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىغا جىنايەت سادىر قىلغۇزغانلىقى ئېنىق. ئۇيغۇرلار نامايىش قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئۇرۇش چېقىش، كۆيدۈرۈش، بۇلاش جىنايىتى سادىر قىلدى' دېگەن كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى ساپلا كەينى تەرەپتىن تارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمايۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ رادىو - تېلىۋىزىيىلىرى ئۇيغۇرلارنى 'بىر ئاپتوموبىل سودىگىرىنىڭ 20 دانە يېڭى ئاپتوموبىلىنى كۆيرۈۋەتتى'، دەپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، شۇ سودىگەر چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىىلىرىغا ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ 'ساقچى پونكىتى ماڭا لۆكچەكلەر كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئالدىن ئۇچۇر بەرگەن ئىدى، ئەمما مەن تەييارلىق قىلىپ بولغىچە، لۈكچەكلەر مىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللىرىمىنى كۆيدۈرىۋەتتى' دېدى.

دېمەك، خىتاي ساقچى پونكىتى شۇ ۋاقىتتا لۈكچەكلەرنى بىلىدۇ. شاڭخەيدىكى ئادۋىكات جېن ئىنچوڭنىڭ پاش قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 7‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىلا ئۈرۈمچىگە قوراللىق قىسىم يۆتكەشكە باشلىغان ۋە ئۆلسە ئائىلە - تەۋەلىرىگە 400 مىڭ يۇنەندىن نەپىقە بېرىش ئۈچۈن 100 مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 'بەشىنجى ئىيول' دىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، خەلقنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيۋاتىدۇ.