مەككىدىكى ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ بۇ يىلقى قىسمىتى

ئىسلامنىڭ بەش ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىليونلارچە ئىنسانلار مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە يېغىلىدۇ. ئۇيغۇر ھاجىلارمۇ بۇ مۇقەددەس زېمىنگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

0:00 / 0:00

مەككىدىكى خىتاي ھەج ئۆمىكى ئىشخانىسىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل خىتايدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئومۇمى سانى 12 مىڭ ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ سانى ئاران 3000 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن 1870 كىشىلا ئۇيغۇر ھاجىلارنى، قالغان 1130 غا يېقىن كىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۇڭگان ھاجىلارنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھاجىلارغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن 160 تىن ئارتۇقراق ئۆمەك مەسئۇللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى ئىكەن.

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، 2009 - يىلى ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىم - تەربىيە ھەيئىتى تەركىبىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىمغا بىرقانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر ھاجىلار جىنايەتچىلەردەك مۇئامىلە كۆرگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە ھاجىنىڭ ئېيتىشچە، ئۆمەك بىلەن كەلگەن ھاجىلارغا ئۆيدىن چىققاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر خۇددى جىنايەتچىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەكلا مۇئامىلە قىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر ھاجىلار ۋەتەننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن ھەجىگە مېڭىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئۈرۈمچىدە 4 كۈنگە يېقىن تۇرغان. بۇ يەردە تۇرغان 4 كۈندە ئۇلارنى بىر ئىدارىگە سولاپ ھەج پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەلىم ‏- تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ھەر كۈنى ئۇلارنى يېغىپ سىياسى دەرس ئۆتكەن. يېغىننىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى ۋەتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چەتكە يۆتكىمەسلىك، چەتتىن ۋەتەنگە خەۋەر كۈتۈرۈپ كىرمەسلىك ھەققىدە تەلىماتتىن ئىبارەت بولغان، ئۇلار ئۈرۈمچىدە تۇرغان ئەسنادا ھېچقانداق كىشىنى سىرتقا چىقارمىغان. ھەتتا جۈمە نامىزىنى ئۇقۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلمىغان، سىرتتىن ھېچكىمنىڭ كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان. ھەتتا ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار كىشىلەرنى تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمىگەن، ھاجىلارنىڭ يانفونلىرى يېغىۋېلىنغان، ئۇلار مېڭىشتىن بۇرۇن سومكا خالتىلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكە كونترول قىلغان ۋە ھېچقانداق كىشىنىڭ خەت ياكى خالتىسىنى كۆتۈرمەسلىك ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. بۇ ھاجىلارنىڭ ئېيتىشچە ، ئۇلار خۇددى تۈرمە مەھبۇسلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە كۆرگەن. بۇ مۇئامىلىلەر مەككىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغان . مەسىلەن: ئۇيغۇر ھاجىلار بار بىناغا، مەككىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىپ ‏- چىقىشى چەكلەنگەن. ھاجىلارنىڭ مەككىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن."

ئۇيغۇرلار مەككىدىمۇ ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسى كۆرمەكتە

ئابدۇراھمان ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: " تۇڭگان ۋە ئىچكى موڭغۇل ھاجىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ھەج پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن رەتلىك ئىنتىزاملىق بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار ھەرەمگە كەلگەندىن كېيىن ئۆمرە ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى ھەممىسى گۇرۇپپا ھالدا ھەج پائالىيەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىش تاكى ھەرەمدىن قايتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 90% ئى ياشلىنىپ قالغان كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، بۇلار مەككىگە كەلگىنىدە ئۇلارنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئۆمرە قىلدۇرىدىغان ياكى ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان ئىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلار قورقماي ئۇ يەر، بۇ يەرگىمۇ بېرىپ كېلەلمەيدۇ. ھەر بىرى يەنە بىرىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ھاجىلارغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن كىشىلەر ھەممىسى ساقچى ياكى بىخەتەرلىك ئورگىنى خادىملىرى بولۇپ، ئۇلار ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ قايسى شەكىلدە ئادا قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلمەستىن ، پەقەت ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، نېمە ئىش قىلىشىغا دىققەت قىلىدۇ. ئەمما باشقا دۆلەتتىن كەلگەنلەر ، ھاجىلارنى ھەرەمگە ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھاجى نامزاتلىرىغا بىر قانچە كۈن كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇقەددەس زېمىن مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە ئالاھىدە تەلىم ‏- تەربىيە بېرىلىدۇ."

خىتايدا ھەج نامزاتلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسى ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئىكەن

ئابدۇراھمان ھاجىم خىتايدىن كېلىدىغان ھاجىلارغا قويۇلغان ياش ئۆلچىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇل ۋە تۇڭگان ھاجىلىرىغا ياش چەكلىمىسى يوق ئىكەن. ئۇلار خالىسا ئاتا-ئانىسى، خالىسا ئەر-ئايال ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن كېلەلەيدۇ. ئۇلاردىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار، ياش قىز- يىگىتلەرمۇ بار. ئەمما ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسى بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت 50 ياش بىلەن 70 ياش ئارىسىدىكى كىشىلەرگىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەرەمگە ئاساسەن ياشلىنىپ قالغان كىشىلەرلا كېلىدۇ، يەنە ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشى كېلەلمەيدۇ. مەككە كوچىلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز ، ھەر كۈنى بىر نەچچە ئۇيغۇر موماي ۋە بوۋايلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنانى تاپالماي ئېزىقىپ يۈرگەنلىكىنى ، بوينىدىكى خىتاي بايرىقى ۋە تۇرۇش ئادرىسى بېسىلغان كارتىنى كۆرسىتىپ يول سوراۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز."