'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدۇ'

يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن "ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن پىكىر ‏- مۇلاھىزىلەر" ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ، "شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا" دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، 1990 ‏- يىلدىن 2009 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Ahat-Andijan-ependi-305.jpg «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن پىكىر-مۇلاھىزىلەر» ناملىق يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى. 2009-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە سىياسى ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان شەخسلەردىن بىرى، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم پىكىرلەرنى بايان قىلغان.

پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتقان ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: خىتاي چوڭ بىر كۈچكە ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ۋە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى بولغان ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغۇدەك ۋەزىيەتتىن ئۇزاق. شۇنداقتىمۇ كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدىغان تەك كۈچ خىتايدۇر.

ئەخەت ئەندىجان سۆزىدە يەنە خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىق ئامېرىكىغا خىزمەت قىلغانلىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "خۇسۇسىي كۆز قارىشىمنى سۆزلىسەم، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مىللى مەنپەئەتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئوخشاش بولسا بۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن پايدىلانمايسىز؟ بۇنىڭدىن پايدىلانماسلىق نادانلىقتۇر. بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولمايدۇ، يەنى تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ‏‏ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ئىچىدە بولدى؟ تۈركىيە رۇسىيىدىن قورقۇپ يەنى ئوخشاش دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ناتوغا ئەزا بولدى."

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىرىنىڭ تەسىرىدە پارچىلاندى، يۇلتۇز پىلانى، يۇلتۇز ئۇرۇشلار پىلانى دېگەندەك ئىقتىسادى پىلان بىلەن پارچىلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئىچىدە 15 تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، بۇنى تۈرك دۇنياسى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىدى، ئىسلام دۇنياسى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىدى، ئەمەلىيەتچان بولۇشىمىز لازىم. ھېسسىياتقا بېرىلىپ، بىز مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار بىزنى قوللىمىدى، بىز تۈرك تۈركلەر بىزنى قوللىمىدى، نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ توغرا، ئەمما خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق ساھەسىدىن قارايدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قوللىشى مۇھىم ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا تەڭپۇڭلۇقىنى تەسىرگە ئۇچرىتالايدىغان كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم."

ئەخەت ئەندىجان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "قىممەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم! تۈركىيە، ئىسلام دۇنياسى قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ۋەقەلەردە تۈركىيىنىڭ مەيدانىنى كۆردىڭىز، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينى تەسىرگە ئۇچرىتالىغۇدەك پۇرسىتى يوق، چۈنكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى خۇسۇسەن ئېنېرگىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەرىكىتىنى پەقەت يىغىنلاردا بايانات ئېلان قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلدۇرالمايدۇ. بۇنى سۆزلەشنى ھېچ خالىمايمەن ئەمما بۇ ئەمەلىيەت. تۈركىيە باشقا تۈركلەر ئۈچۈن بىر پاناھگاھ، ئانا ۋەتەن، ئىككىنچى ۋەتەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقىمۇ سىرتتىكى تۈركلەر قاچان قىيىن ئەھۋالدا قالسا ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى ھەممىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈچ تۈرلۈك باسقۇچ بار. 1 - باسقۇچ، بۇ دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارغا، فوندلارغا ياردەم قىلىش، قوللاپ ھەمكارلىشىش. 2 - باسقۇچ، ئۇ مەسىلىنى خەلقئارا ساھەگە ئېلىپ چىقىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق پۈتكۈل تەشكىلاتلارغا مەسىلىنى بىلدۈرۈش ۋە تاشقى دۇنيادىكى ئۇ مەسىلە ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت تەشكىلاتلارغا يار ‏- يۆلەكتە بولۇش. 3 ‏- باسقۇچ بولسا مەيلى شەرقىي تۈركىستانلىق بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن ئۇ مەسىلىسىنى تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھالغا كەلتۈرۈش. خىتاينىڭ تەيۋەننى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغانغا ئوخشاش، يەنى خىتاي باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، بىرىنچى شەرتى تەيۋەننى ئېتىراپ قىلماسلىق، شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرىنى قوللىماسلىق، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلىش. خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بۇ. بىزمۇ تاشقى سىياسەتتە بىز بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە، ئەگەر مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىساڭ، شەرقىي تۈركىستاننى ئېتىراپ قىلىسەن، دېيىشىمىز لازىم."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.