ئەمما ئىستىپانامىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئەنگىلىيىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. يېڭى ئىرا گېزىتى، مۇئاۋىن نازىرنىڭ ئىستىپانامىسىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلغان. ئىستىپانامە مۇنداق باشلانغان: "مەن كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدىم؛ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەپ بىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدى بىلدىمكى، خاتالىشىپتىمەن، ئالدىنىپتىمەن. خاتالاشقاندىمۇ باشتىنلا خاتالىشىپتىمەن."
ئىستىپانامىدە مۇئاۋىن نازىر ئۆزىنىڭ 1974 - يىلى پارتىيىگە كىرگەنلىكىنى، 30 يىلدىن بېرى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان خاتا ئىجرائاتلاردا رول ئالغانلىقىنى؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۈزىنىڭمۇ كومپارتىيىنىڭ تەھدىتىدىن خالىي بولالمىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: " خەلق ئۈچۈن باش قاتۇرۇش خاتامۇ؟ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى ئويلاش خاتامۇ؟ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خاتامۇ ؟"
ئىستىپانامىدىكى بۇ تور بايانلىرىدىن، مەزكۇر نازىرنىڭ كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئىستىلىدىن نارازى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىمۇ توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقى بىلىنمەكتە.
ئىستىپانامىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: "مەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى كومپارتىيىنىڭ غەلىبىسى دەپ تەنتەنە قىپتىمەن. ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەندە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتىمەن دەپ چۈشىنىپ كەپتىمەن. خاتالىقلىرىمنى تونۇدۇم، خاتالىقلىرىمنى داۋاملاشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئىستىپا بېرىۋاتىمەن."
مۇئاۋىن نازىر ئىستىپانامىسىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەيرى ئىنسانىي خاراكتېرىنى كېچىكىپ بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، يەنە مۇنداق دېگەن: "خاتالىقلىرىمنى تۈزىتىش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك ئىدى؛ شۇڭا ئىستىپا قارارىنى بەردىم؛ مەن ئايال ۋە بالىلىرىمنى ئەنگلىيىگە يولغا سېلىۋەتكەن چېغىمدىلا، ھەممە ئاقىۋەتلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ئىدىم؛ ئۇقۇپ تۇرۇۋاتىمەن: قول ئاستىمدىكىلەر، مەندىن بوشىغان ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشنى باشلايدۇ؛ ئاتالمىش دوستلىرىم مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. يەنە بەزىلەر مېنى ئاخماق دەپ مازاق قىلىدۇ. شۇڭا مەن ھازىر ھەم ئازاپ ئىچىدىمەن ھەم راھەتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. راھەت بولۇشۇم، خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلغىنىم ئۈچۈن. ئازاپلىنىشىم، خاتالىقىنى تونۇغان يالغۇز مەن بولغىنىم ئۈچۈن."
خەۋەرلەردە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە بىر مۇئاۋىن نازىرنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىگە ئائىت رەسمىي مەنبەلەرنىڭ ئىسپاتى كۆرسىتىلمىدى. خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان يېڭى ئىرا گېزىتى فالۇنگۇڭچىلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ، 20 دىن ئارتۇق تىلدا 30 نەچچە دۆلەتتە تارقىتىلىدۇ. ئەگەر خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، بۇ خەۋەر ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بىرى تۇنجى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلارنى، ئىشچى، خىزمەتچىلەرنى ۋە خىتاي خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ۋاستە بولماسلىققا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھاكىمىيەت تەرەپتە ئەمەس، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن ۋە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئاھالىسىنى بىگۇناھ ئىنسانلار دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
4 - ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە چەتئەل مۇخبىرلىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋە قەشقەردىكى خىتاي ئاھالىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە تەڭسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.