مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش ھارپىسىدا يەنە، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىن س ن ن، ب ب س، فرانسۇزچە ت ۋ 5 قانىلى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ن ر ك قاناللىرىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىشىغا كاشىلا پەيدا قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنى خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردە كەڭرى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ،خىتاي ئىچىدە كۇڭزى تەشۋىق قىلىنغان فىلىملەرنى ئىشلەش، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنى كەڭرى تەشۋىق قىلىش خىتاي ئىچكى تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسى بولغان بولسا، چەتئەللەردە قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى سانىنىڭ 100 گە يەتكەنلىكى مەلۇم.
ئايال ئەرگە، پەرزەنت ئاتا-ئانىغا، پۇقرا دۆلەتكە بويسۇنۇش كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ،خىتاينىڭ كونىلىقنى ئاساس قىلغان كۇڭزىنىڭ ئىتائەتمەنلىك ئىدېئولوگىيىسىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى قويۇشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ھەسەتخورلۇق ۋە دۈشمەنلىك مۇكاپاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇقىيە تۇردۇش يەنە، خىتاينىڭ ئەزەلدىن كۇڭزى ئىدىيىسىنى غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىغا قارشى بىر كوزىر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئىدىيىنى بازارغا سېلىشى، دۇنيانىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەتۈر يۆنىلىشكە بۇرىغانلىق دېدى.
رۇقىيە خانىم ئاخىردا يەنە، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئورۇندۇقىنىڭ بوش قېلىشى،خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتۈۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنى خىتاي ھەققىدە قايتا ئويغا سالىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.