مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، چەتئەللەردە تارقىلىدىغان خىتايچە 'بوشۈن تور گېزىتى' مۇ خۇجىنتاۋ ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زۇۋانى بولغان 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى تا ھازىرغا قەدەر ( بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 12غا قەدەر) تېخىچە خەۋەر قىلمىدى.
'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' نىڭ 25 - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 8 دىن ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خۇ جىنتاۋ مۇشۇ كۈنلەردە ۋاڭ لېچۇەن، نۇر بەكرىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاقسۇ، سانجى، قاراماي، شىخەنزە، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن، 5 - ئىيول ۋەقەسىدىكى قەھرىمانى جاۋگاڭنىڭ خۇتۇنىدىن ھال سورىغان، 39 يىلدىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيىنى سۈيگەنلىكى ھەققىدە 1000 پارچىدىن ئارتۇق خاتىرە يازغان 75 ياشلىق قادىر باقى بىلەن، 5 - ئىيول ۋەقەسىدە خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان 15 خىتاينى يۇشۇرۇپ قويغان خەمىت ئەخمەت بىلەن ۋە ۋەقەدە خىزمەت كۆرسەتكەن دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن.
خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە يەنە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق مەلۇم بىر پولكىنى ۋە خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ مايتاغ ۋە شىخەنزىلەردىكى شۆبىلىرىنى كۆزدىن كۈچۈرۈپ، ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سۆزىدە 'دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر 5 - ئىيول كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ھەربىي قىسىملار ۋە بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى' دەپ باھا بەرگەن. شۇنداقلا يەنە پۈتۈن كادىرلارنى شىنجاڭدا سوتسىيالىزمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، بۆلگۈنچىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان.
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن فرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، خۇ جنىنتاۋ بۈگۈن ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە ئاساسەن ' ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن ئايدا توراقسىزلىق پەيدا قىلغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى چۇقۇم مەغلۇپ قىلىمىز' دەپ خىتاپ قىلغان.
خۇ جىنتاۋ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، چەتئەللەردە تارقىتىلىدىغان بوشۇن تور گېزىتىدە خۇ جىنتاۋ ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ھامان خىتايدا بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىسراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بۇنىڭغا قارىتا پەن - تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر، خۇ جىنتاۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمى تۈگەپ بولغاندىمۇ، تېخىچە بۇ تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. بەلكى ئىشسىزلىق كۆپەيدى، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەنلىدى، ئوتتۇراھال مۈلۈك ئېگىلىرى ئازلىدى، پىكىر ئەركىنلىكى تېخىمۇ چەكلەندى، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر بارغانسىرى كەسكىنلەشتى، جايلاردا قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپەيدى. بۇنداق ئەھۋالدا خۇ جىنتاۋنىڭ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، پەقەت قوراللىق قىسىملارغا ۋە ساقچى قىسىملارغا تايىنىپ خەلقنى باستۇرۇشقا يۈزلەندى.
'بوشۈن تور گېزىتى'دە ئېلان قىلغان خۇ جىنتاۋ ھەققىدىكى بۇ ئوبزوردا، خۇ جىنتاۋنىڭ سىياسەت چىقىرىپ مات بولغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە مېسال تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇلتۇر قىشتا ئەنخۇيغا بارغاندا 'يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش' سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى يېڭى ئىسلاھاتنىڭ يول بەلگىسى دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، ۋېن جياباۋ بۇ سىياسەتنى دەرھال چەكلەپ، يېزىلاردا چوڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى، دەپ تەشۋىق قىلىنغاندا، خۇ جىنتاۋ يەنە بىر قېتىم مات بولدى.
بۇ يىل، خۇ جىنتاۋ ياشلارغا قارىتا 'سېرىق' قا زەربە بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كومپيۇتېرلارغا 'يېشىل توسما' ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭغا 40 مىليون يۇەن سەرپ قىلىنغان ئىدى. نەتىجىدە خۇ جىنتاۋ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ پاتېنت ھوقۇقى بار ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت ئالدىدا يەنە مات بولدى. بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنمۇ، خۇ جىنتاۋ ئاۋسترالىيىدىكى بىر شىركەتچى خىتاي بىلەن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەن ئىدى.
بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى ئاۋسترالىيىدە قولغا ئېلىنىپ، خۇ جىنتاۋ تازا مات بولغان ئىدى. يېقىندا يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلى خۇ خەيفېڭ 'خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ئۆتۈشمە قۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ھەر قايسى تاموژنىلارغا x نۇرى ئەسۋاپلىرىنى ئورناتقۇزۇپ، بۇ جەرياندا 12 مىليون 280 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپان ھەققى ئالغانلىقى پاش قىلىنىپ، بۇ دېلودىمۇ خۇ جىنتاۋ مات بولدى.
مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە شۇكى، گەرچە خۇ جىنتاۋنىڭ 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە بولغان بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەنلىكى، ئۈرۈمچىدە كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ خىزمەت تاپشۇرغانلىقى ھەققىدە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ زۇۋانى بولغان 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' تەكرار - تەكرار خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ لېچۇەننىڭ كونتروللۇقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زۇۋانى بولغان 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلمىدىلا ئەمەس، ھەتتا خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنىمۇ خەۋەر قىلمىدى.