ئابباس قارى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان، تونۇلغان پېشقەدەم دىنىي زات ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابباس قارى ھاجىم قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كېيىن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان.

0:00 / 0:00

ئەمما، ئۇ كېيىن يۇرتىنى تاشلاپ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. دىنىي ھەم پەننىي بىلىمگە ئىگە بولغان ئابباس قارى ھاجىم ئالماتادا ئۇزۇن يىللار ئىماملىق قىلغان.

ھازىر 80 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئابباس قارى ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە قىسمەتلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.