تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى زىيارەت بېكىتى ئۈرۈمچى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ھەم تۈركىيە، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. تۈركىيە ئۈچۈن، ئابدۇللاھ گۈل، ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان تۇنجى پرېزىدېنت بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى تۈرك پرېزىدېنت بولۇشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
28 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن ئابدۇللاھ گۈل 29 - ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپ بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئابدۇللاھ گۈل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىنى لىق تولدۇرغان ئاكادىمىكلەرگە ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان نۇتقىنى "شىنجاڭدا سىلەر بىلەن بىللە بولغانلىقىمدىن زور بەخت ھېس قىلماقتىمەن" دەپ باشلىغان. ئۇ نۇتقىدا : "بىزمۇ 1500 يىل ئاۋۋال بۇ رايونلاردا ياشىغان، ئۆز - ئارا خۇلۇم - قوشنا ۋە ئۇرۇق - تۇغقان بولغان ئىدۇق. بىز كېيىن غەربكە كۆچۈپ كەتتۇق. ئەمما بىزنىڭ دوستلۇق ۋە ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتىدۇ " دېگەن.
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان نۇتقىدا يەنە، ئۇيغۇرلار رولىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ. تارىختا خىتاي بىلەن تۈركىيىنى ئۆز - ئارا تۇتاشتۇرغان يوللارنىڭ بىرسىمۇ مانا بۇ يىپەك يولى ئىدى، بىز تارىخى يىپەك يولىنى تۆمۈر يوللىرى ئارقىلىق قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ چىقىمىز. تۈركىيىلىك كارخانىچىلارنىڭمۇ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە."
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدىن كېيىن ئابدۇللاھ گۈلگە پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇنۋاننى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ زور بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتى تۈركىيىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ يەر ئالغان بولۇپ، تۈركىيىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارغا يەر بېرىلگەن.
ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى Youtube.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى Youtube.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغان بەزى ئوقۇرمەنلەر: ئابدۇللاھ گۈل، يەنە بىر زور ئىشتىن بىرنى قىلدى، ئۇ قېرىنداشلىرىمىز ياشايدىغان ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، بىزنىڭ سالاملىرىمىزنى ئۇ يەرگە يەتكۈزدى، دېگەن. يەنە بىر ئوقۇرمەن بولسا، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ يېڭى بىر باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قېرىنداش خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
تۈركىيىدە چىقىدىغان زامان گېزىتىدە بۇ زىيارەت ھەققىدە مۇنداق خەۋەر بېرىلگەن: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بۇندىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن باشلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇللاھ گۈلگە پايتەخت بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇش بىلەن بىرلىكتە قەدىم كونا پايتەخت شىئەننى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان رايون بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى يوللىدى. بۇ تەكلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.
گەرچە تۈركىيىدە چىقىۋاتقان گېزىتلەردە خىتاينىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتىقا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەكلىپ قىلىشىغا يۇقىرىقىدەك باھا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دەل پرېزىدېنت گۈلنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، گۇاڭدۇڭدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى كىشىلەرنى قاتتىق غەزەپكە ۋە ئويغا سالدى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاسلار يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە:" قەشقەر، خوتەنگە كېلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرمىسە، شىنجاڭنى كۆرگەندەك بولمايدۇ، ئۈرۈمچىدە داقا - دۇمباق چېلىپ، ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن يولغا سېلىپ قويسا، 'ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئاجايىپ ياخشى ياشاۋېتىپتۇ،' دەپلا كېتىپ قالىدۇ " دىيىلگەن.
يەنە بىر ئىنكاستا تورداش گۇاڭدۇڭدىكى ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ:" گۇاڭدۇڭدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئويلىسام ھەجەپ ئىچىم ئېچىشىۋاتىدۇ، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولغانمىدۇ، خەۋىرى بولغان بولسا، بىز قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان خىتايلارغا كۈلۈپ يەنە زىيارىتىنى داۋام قىلار بولغىيمىدى" دېگەن. يەنە نۇرغۇن ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى ۋەقەلەرگە قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكى ۋە مەيلى قەيەرنىڭ باشلىقى كەلسە كەلسۇن، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن ئىنتايىن غەزەپلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار " ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان، تۇغقان - قېرىندىشى تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى دېيىشمەكتە.
بۇ ھەقتە ئىستانبۇل مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ھاجىم ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بىر نامايىش قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.