ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تاتارىستان زىيارىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى رەسمى زىيارەت ئۈچۈن تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازانغا بارغان ئىدى. بۇ تۈركىيە تارىخىدا بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تاتارىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ زىيارەت ھەققىدە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇنازىرە داۋام قىلماقتا. تۈركىيىدىكى بەزى كىشىلەر تاتارىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن تاتارىستان كرېملىن سارىيىدا كۆرۈشكەن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى باشلىقى مىنتىمەر شەمىيېۋ، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ زىيارىتىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى بارلىقىنى، تۈركلەر بىلەن تاتارلارنىڭ ئورتاق تىل، ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان رادىكال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنى تانىماق" ماۋزۇلۇق ماقالىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يۈسۈف ئاقچۇرا، سادرى ماقسۇدى ئارسال، رەشىت راخمەتى ئارات قاتارلىق تاتار ئالىملىرىنى يېتىشتۈرگەن تاتارىستانغا تۈركىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى يېزىلغان.

گۆنۈل پۇلتار خانىم يازغان بۇ ماقالىدە دۇنيادا 7 مىليون تاتار بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىنىڭ تاتارىستاندا ئىكەنلىكىنى، قالغان كىشىلەرنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقانلىقىنى يازغان.

بۇ چوڭ ھەجىملىك ماقالىدە تاتارلارنىڭ تارىختا قايسى دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن قانداق بېسىۋېلىنغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى تاتارلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن. قىسقىسى ماقالىدە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تاتارىستانغا ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن قېرىنداش تاتارىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بەزى تاتارلار ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تاتارلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى، رۇسلار تۈركىيىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تاتارىستاننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىز بۇ ھەقتە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان در. ئىقلىل قۇربان ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.