تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۈرۈمچىدە

دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىتايدا رەسمى زىيارەتتە بولىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتايدىكى ئەڭ ئاخىرقى زىيارەت نوقتىسى بولغان ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئايرىپورتتا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس ياڭگاڭ ئابدۇللاھ گۈلنى قارشى ئېلىشقا چىققان.

0:00 / 0:00

ئابدۇللاھ گۈل ئايرۇپىلاندىن چۈشىشى بىلەن تەڭ يەنە مىللىچە كىيىم كەيگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش قارشى ئېلىشقا چىققان بولۇپ، ئابدۇللاھ گۈل ۋە رەپىقىسى خەيرۇننىسا گۈلگە گۈل دەستە تۇتقان.

29 - چىسلا تۈنجى بولۇپ قىزىلتاغ باغچىسىنى زىيارەت قىلغان ئابدۇللاھ گۈل، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلغان. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى تەرىپىدىن پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن ھەم چىمەن دوپپا ۋە چاپان كەيدۈرۈلگەن.

تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزىيەسى تې رﯤ تى تۈركتە بېرىلگەن خەۋەردە بىلدۈرۈشتە، ئابدۈللاھ گۈل شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتىدە نوتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتىقىدا تۈركلەرنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇن ئۇ جۇغراپىيەلەردىن كەلگەنلىكىنى، تارىخى يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىقلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرلەرگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ - كۆلەمدە يەر بېرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر دىيارىغا تۈنجى بولۇپ زىيارەت قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا، ئابدۇللاھ گۈل يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىدە تۈنجى قېتىم سۆز قىلغان دۆلەت رەئىسى ئۇنۋانىنىمۇ ئالدى.

ئەمما بۇندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟ سەلكىن تور بېتى مۇنازىرە مەيدانىدا ئۇيغۇرلار ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى يېزىشقان.

ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتىگە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.