تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر دىيارىغا بارماقچى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ساباھ" گېزىتىنىڭ 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى سانىدا، "دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتايغا بارىدۇ" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن خىتايدا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توختامنامىسىغا قول قويۇلىدىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بېيجىڭدىن باشلاپ، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى يېزىلغان.

"ساباھ" گېزىتىدە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، تۈركىيىنىڭ خىتايغا پىرسەنتلىك زايوم سېتىشنى ئويلاۋاتقانلىقى، شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇڭا ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ئىقتىسادقا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ۋە تاشقى تىجارەتكە مەسئۇل ئالىي رەھبەرلەرمۇ قاتنىشىدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ، تۇنجى قېتىم بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بولىدۇ. ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سابىق رەئىس جۇمھۇرى تۇرغۇت ئۆزئال ۋە سۇلايمان دېمىرەللەر خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتايلار قوبۇل قىلمىغان ئىكەن.

بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەلچۇق چولاقئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.